باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تېھراندا جەم بولۇش

2013.06.08 15:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  26 – قېتىملىق دۇنيا كىتاب يەرمەنكىسى 2013 – يىلى 1 – مايدىن 11 – مايغىچە ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزۈلدى. يەرمەنكىدە ئېلىمىز تەسىس قىلغان يايما ئورنىغا جۇڭگو مەدەنىيىتىگە قىزىقىدىغان، خەنزۇ تىلى ئۆگىنىۋاتقان ۋە ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە قىزىقىدىغان كىشىلەر كۆپرەك كەلدى. يەرمەنكىگە ئۇيغۇرچە كىتابلاردىن ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› نىڭ يېڭى نەشرى، ‹‹جۇڭگو خوتەن گىلەمچىلىكى››، ‹‹قۇرئان كەرىم›› (ئۇيغۇرچە ) ۋە ‹‹ھاياتلىق›› ژۇرنىلى، ‹‹بۇلاق›› ژۇرنىلى قاتناشتۇرۇلدى.

  يەرمەنكە جەريانىدا ئىرانلىقلارنىڭ، بولۇپمۇ ئىران ياشلىرىنىڭ كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. ھەر بىر ئادەم ئۆزىگە كېرەكلىك كىتابنى ئىزدەش ۋە سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. يەرمەنكىدە ھەر بىر دۆلەت ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى، قىممەت قارىشىنى، تەشەببۇسلىرى ۋە ئارزۇ – ئىنتىلىشلىرىنى، يېڭى بىلىم ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى سەۋىيەسىنى نەشرىياتچىلىق ئارقىلىق نامايان قىلغان بولۇپ، بۇلار ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يايما ئورنىنىڭ لايىھەلىنىشى، بېزىلىشى ۋە تىزىلغان نەشر بۇيۇملىرىدىن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

  ساھىبخانا دۆلەت ئىراننىڭ ئۆرپ – ئادىتىنى، مەدەنىيەت – سەنئىتىنى، نەشرىياتچىلىق ئەنئەنىسى، ھۈنەر – سەنئىتى جەھەتتىكى ئەۋزەل تەرەپلىرىنى كۆرۈش، چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇق. ئىراندىكى نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىدا زامانىۋى پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاساسىي مەقسەت قىلىنىش بىلەن بىللە، ئىران مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى ۋە ئەنئەنىۋى ھۈنەر – سەنئەتلىرىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇنى ئۆز خەلقىگە ۋە خەلقئاراغا نامايان قىلىش مۇھىم مۇددىئا قىلىنغان ۋە بۇ جەھەتتە كۆپ ئۇتۇقلار قولغا كەلتۈرۈلگەن. ئىراننىڭ ئۇزاق تارىخىي مۇساپىسىنى ۋە شانلىق مەدەنىيىتى، ھۈنەر – سەنئىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئۇنى قۇتقۇزۇپ، جامائەتچىلىككە يەتكۈزىدىغان ئەسەرلەرنى نەشر قىلىشقا زور كۈچ سەرپ قىلىنغان. مەدەنىيەت مىراسلىرىنى توپلاش، قۇتقۇزۇش، تەتقىق قىلىش، نەشر قىلىشتا كۆپ ئىشلار ئىشلەنگەن ۋە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەن.

  ئىراننىڭ نەشرىياتچىلىقىدىن باشلاپ قول سانائەت، ئۆرپ – ئادەت، يېمەك – ئىچمەك، ساياھاتچىلىك قاتارلىق ساھەلىرىگىچە ھەممىسىدە ئۆز مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشان قىلىنغان. باشقىلارنى دورايدىغان، كونىسىنى يوقىتىش بەدىلىگە يېڭىسىنى تىكلەيدىغان، ئاسار ئەتىقىلەرگە ۋە قەدىمكىلەرنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان ياكى ئۇنىڭغا پەرۋاسىز قارايدىغان خاھىشلار بۇ يەردە ئانچە كۆپ كۆرۈلمىگەن بولسا كېرەك.

  بىز يەرمەنكە پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىراننىڭ تېھران، شىراز، ئىسپاھان قاتارلىق شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. بۇ جەرياندا مىلادىيەدىن بۇرۇنقى يىراق قەدىمكى ئەسىرلەردىن تاكى ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرى يەنى مىلادىيە 6 – 7 – ئەسىرلەرگىچە داۋام قىلغان ئىراننىڭ ئىپتىدائىي جامائە باسقۇچى ۋە ئەھمانىيلار، ئەشكانىيلار، كەيانىيلار، ساسانىيلار سۇلالىسىگە ئالاقىدار ئىزلار، ئىمارەتلەر، خارابىلەر ۋە تارىخىي ئورۇنلارنى كۆردۇق. ھەر بىر ئىمارەت، ھەر بىر تارىخىي ئىز، ھەر بىر خارابە زور كۈچ بىلەن قوغداپ قېلىنغان ۋە ئەسلىي قىياپىتى ئەينەن ساقلانغان. ئىرانىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى كونىنى بۇزۇش، يېڭىنى قۇرۇش بىلەن ئەمەس كونىنى ئاسراش، قوغداش، يېڭىنى قۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، كونا بىلەن يېڭىنى بىر پۈتۈن گەۋدىگە، ئىزچىل بىر سىستېمىغا ئايلاندۇرۇش بىلەن داۋام قىلغاندەك تۇرىدۇ. بولۇپمۇ مەدەنىيەت، تارىخ ۋە ھۈنەر – سەنئەت جەھەتتە ئەھمىيىتى بارلىكى قەدىمكى ئىزلار، ئىمارەتلەر تولۇق ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، بۇلار بۈگۈنكى كۈندە ئىراننىڭ تەلىم – تەربىيە، پەن – مەدەنىيەت، ساياھەتچىلىك، تەشۋىقات جەھەتتىكى پۈتمەس – تۈگىمەس بايلىق مەنبەسى بولۇپ قالغان.

  بىز شىراز شەھىرىدە تەختى جەمشىد، نەقشى رۇستەم قاتارلىق قەدىمىي خارابە ئىزلارنى، بىر قىسىم قەدىمىي مەسچىتلەرنى، قەبرىگاھلارنى، شىرازدىكى قەدىمكى باغچا ۋە بازارنى زىيارەت قىلدۇق. ئىسپاھان شەھىرىدە ئىسپاھان دەرياسىدىكى بىر نەچچە قەدىمىي كۆۋرۈكلەرنى، سەپەۋىيلەر دەۋرىگە خاس مەيدان، ئالىي قوۋۇق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەيۋەتلىك مەسچىت – مەدرىسەلەرنى زىيارەت قىلدۇق. قەدىمىي بازار – رەستىلەرنى ئارىلاپ كۆردۇق. ھەممە يەردە بىر خىل قەدىمىي تۈس نامايان ئىدى. بارغانلا جايدا يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرى ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ تۇراتتى.

  تەختى جەمشىد ئىران ئەھمانىيلار سۇلالىسىنىڭ قائىدە – يوسۇن مەركىزى بولۇپ، خەلئاراغا پېرسېپولىس دېگەن نام بىلەن مەشھۇر. بۇ پايتەختنىڭ خارابىسى ئىراننىڭ پارس ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرى شىرازدىن شەرقىي شىمالغا قاراپ ماڭغاندا 60 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى بىر تاغنىڭ يانباغرىغا جايلاشقان. بۇ يەردىكى ھەيۋەتلىك سارايلار ئەھمانىيلار ئىمپېرىيەسىنىڭ شاھى دارا Ⅰ دەۋرىدىن باشلاپ قۇرۇلغان بولۇپ، 150 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا ياساپ پۈتكۈزۈلگەن. بۇ پايتەخت مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 334 – يىلىغا كەلگەندە ماكېدونىيە پادىشاھى ئالېكساندىرⅢ نىڭ شەرققە ھۇجۇم قىلىپ پۈتكۈل پىرسىيەنى ئىستىلاھ قىلغان ۋاقتىدا ۋەيران بولغان. بۇ ئورۇندا ئەھمانىيلار خانلىقىنىڭ بىناكارلىق سەنئىتى، ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتى، مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادەت جەھەتتىكى ئىزلىرى ساقلىنىپ قالغان. شىرازدىكى قەدىمىي ئىزلار ئىچىدە يەنە نەقشى رۇستەم نامى بىلەن ئاتالغان يادىكارلىق ناھايىتى مەشھۇر. ئۇ يەردىكى تاغقا ئويۇلغان نەقىشلەردە ئەھمانىيلار ۋە ساسانىيلار خانلىقىغا دائىر قىممەتلىك ئۇچۇرلار ساقلانغان. شىرازدا يەنە مەشھۇر شائىر شەيخ مۇسلىھىددىن سەئىدى شىرازىينىڭ قەبرىگاھى ۋە خوجا شەمسىددىن مۇھەممەد ھافىز شىرازىينىڭ قەبرىگاھى مۇھىم زىيارەتگاھلادىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ئىسفاھاندىكى مەدەنىيەت ئىزلىرى ئىچىدە سەپەۋىيلەر خانلىقىغا دائىر ئوردا، ئىمام مەيدانى، شەيخ لۇتفۇللا مەسچىتى، ئىمام مەسچىتى، ئالىي قاپۇ، چاھارباغ كوچىسى قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلدۇق. ئىسفاھان شەھىرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان دەرياغا سېلىنغان قەدىمىي كۆۋرۈكلەرمۇ ئىراننىڭ مۇھىم قاتناش ۋە سۇ قۇرۇلۇشى يادىكارلىقلىرى بولۇپ، ناھايىتى ياخشى ساقلانغان.

  ئىراننىڭ قول ھۈنەر سەنئىتى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان ئىكەن. ئاۋات رەستىلەردە ۋە ساياھەتچىلەر كۆپ بارىدىغان ئىمارەتلەر ئەتراپىدا قول ھۈنەر بۇيۇملىرى دۇكانلىرى باركەن. زىبۇ زىننەت، ئائىلە جابدۇقلىرى ۋە قورۇ – جايلارغا ئىشلىتىلگەن قول ھۈنەر سەنئىتى بۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئىستېتىك دىتى، قول ھۈنەر ماھارىتى، ئاجايىپ ئىنچىكە، ئەستايىدىل، سەۋرچان، ئىشچان خىسلىتىنى نامايان قىلىپ تۇرۇپتۇ.

  ئىراندا ئىنگلىز تىلى خېلى ئومۇملاشقان بولۇپ، ياشلار، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىز تىلىنى بىلىدىكەن، ساياھەتچىلەر بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىدىغان مۇلازىمەت ئورۇنلىرى ۋە كۆزنەك ئورۇنلاردا پارس تىلى بىلەن ئىنگلىز تىلى تەڭ قوللىنىلىدىكەن. ئىران نەشرىياتچىلىقىدىمۇ ئىنگلىزچە نەشر بۇيۇملىرى خېلى زور كۆلەمنى ھاسىل قىلغان. ئىراننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ھۈنەر – سەنئىتى تەتقىق قىلىنغان، تونۇشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى، شۇنداقلا مەشھۇر ئىران كىلاسسىكلىرىنىڭ ئەسەرلىرى پارسچە، ئىنگلىزچە، بەزىلىرى گېرمانچە، فىرانسۇزچە، ئەرەبچە قاتارلىق تىللاردا نەشر قىلىنغان ئىكەن. ئىرانلىقلار ئىچىدە چەت ئەل تىلى تەرجىمانلىرى خېلى كۆپ يېتىشىپ چىققان. غەربنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى پارسچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان. ئىراننىڭ نەشر بۇيۇملىرى ئىچىدە يېڭى پەن – تېخنىكىلىق تەركىبلەر زور سالماقنى ئىگىلىگەن. يېزىق بىلەن ئۈن – سىن بىرلەشتۈرۈلگەن نەشر بۇيۇملىرى، بىر نەچچە خىل تىل – يېزىقتا تەڭلا نەشر قىلىنغان ئېتىر كىتابلار خېلى كەڭ ئومۇملاشقان ئىكەن. مۇتلەق كۆپ كىتابلار ئوپتىك دىسكا بىلەن نەشر قىلىنغان. بۇنىڭدىن ئىراندىكى ئىلىم ساھەسىنىڭ ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلىدىغان، ئۆزگىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنى كۈچەيتىدىغان، ئۆزىگە خاس يولدا تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.

  قىسقىسى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نەشر ئەپكارلىرى تېھرانغا جەم بولۇپ، ئون كۈنلۈك زىيارەت ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نەشرىياتچىلىق تەرەققىيات يۈزلىنىشى، سەۋىيەسى ۋە بىر قىسىم نەتىجىلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئىراننىڭ باي ۋە رەڭدار مەدەنىيىتىدىن، گۈزەل مەنزىرىسىدىن، ئىران خەلقىنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسىدىن، چىقىشقاقلىقىدىن مول تەسىراتلارغا ئىگە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە