باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

بىر ئەنگىلىيە ئاھالىسى ئۆيىدىكى شاتۇت ئۆلۈپ قالغانلىقتىن، ھاۋا ئارمىيەسىدىن 2200 فوندسىتېرلىڭ تۆلەم تەلەپ قىلغان

2013.06.04 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ 3-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە ئايشىرىيەAyrshire ئۆلكىسىدىكى بىر ئادەم ئايروپىلاننىڭ شاۋقۇنى ئۆيىدىكى شاتۇتنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقتىن، ئەنگىلىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسىدىن 2200 فوندسىتېرلىڭ تۆلەم تەلەپ قىلغان.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ شاتۇت ئايروپىلان پەس ئۇچقاندا پەيدا قىلغان غايەت زور شاۋقۇنغا بەرداشلىق بىرەلمەي قورقۇپ كېتىپ ئۆلۈپ قالغان. شاتۇتنىڭ ئىگىسى شۇ سەۋەبلىك ئەنگىلىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسىدىن 2200 فوندسىتېرلىڭ تۆلەم تەلەپ قىلغان. بۇ بۇ رايوندىكى تۇنجى تۆلەم تەلەپ قىلىش ۋەقەس ئەمەس ئىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر شاتۇت شاۋقۇندىن قورقۇپ كېتىپ يەرگە چۈشۈپ كېتىپ، پۇتىنى سۇندۇرۇۋالغاچقا. ھەربىي تەرەپ بارلىق داۋالاش چىقىمىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.

  خەۋەر قىلنىشچە، ئۆتكەن ئۈچ يىلدا، ئەنگىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەرزدىن 200 دىن ئارتۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، تۆلەم سوممىسى جەمئىي 1 مىليون 400 مىڭ فوندسىتېرلىڭغا يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە