- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


‹‹شىنجاڭ كىنو-تېلېۋىزىيە ھەپتىلىكى›› گېرمانىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆرسىتىلدى
2013.06.09 15:28 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
خەلق تورى، نوردخېين ۋېستفالېن، 8-ئىيۇن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ‹‹شىنجاڭ كىنو-تېلېۋىزىيە ھەپتىلىكى›› گېرمانىيە نوردخېين ۋېستفالېن ئوبلاستلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹كېلىپ كۆرۈڭ›› ناملىق پىروگراممىسىدا كۆرسىتىلدى. فىلىمدە تارىخىي مەدەنىيەت، مىللىي پۇراق، گۈزەل تاغ-دەريالار ۋە شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردىن گېرمانىيە تاماشىبىنلىرىغا مىللەتلەر ئىناق، جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭنى نامايان قىلغان. فىلىمدىن جۇڭگونىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرى، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ غەربىي رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا مىسىلسىز پۇرسەتلەرنى ئاتا قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە