تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى : 11-ئىيۇن كەچ سائەت 19:00 دا، ‹‹ ۋۇلىنفېڭ ›› جۇڭگو-تايلاند تىركىشىش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا باشلاندى . تايلاندتىن كەلگەن بەش نەپەر ماھىر شىنجاڭدىكى ئۈچ نەپەر ماھىر بىلەن سەككىز مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ باردى ، بۇنىڭ ئىچىدە 75 كىلوگىراملىقلار تۈرىدىكى شىنجاڭلىق ماھىر ئېسىمخان ، 80 كىلوگىراملىقلار تۈرىدىكى نۇرۇللا مۇلال جۇڭگو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە چۈشتى .
بۇ قېتىملىق ‹‹ۋۇلىنفېڭ›› جۇڭگو-تايلاند تىركىشىش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ياۋرو-ئاسىيا جىدا پىلانلاش چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ، شىنجاڭ خېنەنلىك كارخانىچىلار بىرلەشمىسى ھەمكارلاشقان . ‹‹ۋۇلىنفېڭ ›› پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى گو جېندوڭ ، ‹‹جۇڭخۇا قەھرىمانى›› ۋاڭ خۇڭشياڭ كۆپچىلىككە نەق مەيداندا چۈشەنچە بەردى ، ‹‹ۋۇلىنفېڭ ›› نىڭ رېپىرى، ۋۇلىن خانقىزى قاتارلىق 50 تىن ئارتۇق كىشى مۇسابىقە ئىشلىرىغا قاتناشتى .
ئىگىلىنىشىچە ، ‹‹ۋۇلىنفېڭ ›› خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى بىر تۈرى بولۇپ ، يېقىندا قومۇلدا بىر مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەن ، 9-ئايدا يەنە ئۈرۈمچىدە تېخىمۇ چوڭ كۆلەملىك مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدىكەن .