- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىككى كۈن ئىچىدە شىنجاڭدا جەمئىي 55 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىمتىھاندا خىلاپلىق قىلغانلىقى بايقالدى
بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى پەن ـ تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەردىن پايدىنىلىپ كۆچۈرمىكەشلىك قىلغانلاردىن 3 نەپىرى بار
2013.06.09 14:45 مەنبە: خەلق تورى
9-ئىيۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئول خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىككى كۈنلۈك ئىمتىھان مەزگىلىدە، شىنجاڭدا جەمئىي 55 ئادەمنىڭ ئىمتىھاندا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى كۆرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ ئوقۇغۇچى يۇقىرى پەن ـ تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىدىن پايدىلىنىپ كۆچۈرمىچىلىك قىلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى 2013-يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئېلان قىلدى. توردا ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈش 14-ئىيۇندىن 25-ئىيۇنغىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. 25-ئىيۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەر قايسى پەنلەرنىڭ نومۇر چېكى 28-ئىيۇن ئەتراپىدا ئېلان قىلىنىدۇ. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدا قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-ئىيۇل رەسمىي باشلىنىدۇ.
10-ئىيۇن، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدا بۇ يىل شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مەكتەپ كەسىپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئېلان قىلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە