باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نېمىلەرگە ئەھمىيەت بېرىلدى(1)

2013.06.09 13:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىللىق ئادەتتىكى يىللىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 7-ئىيۇن باشلاندى، توققۇز مىليون 120 مىڭ ئوقۇغۇچى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىمتىھان مەيدانلىرىدا ئىمتىھان بېرىشكە باشلىدى. بۇ يىل جۇڭگو تۇنجى قېتىم سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ باشقا يەرلەردە ئىمتىھان بېرىشىگە قولايلىق ياراتتى، شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نەچچە مىڭ پەرزەنتى ئۆز نوپۇسىدىن باشقا يەرلەردە كىشىلىك ھاياتىدىكى 1-چوڭ ئىمتىھاننى بېرىشكە باشلىدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچى توققۇز مىليون 120 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 30 مىڭى ئازايغان. 2008-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سان بولغان ئون مىليون 400 مىڭغا يەتكەندىن كېيىن، ئۇدا بەش يىل ئازايغان.

  پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئازايغان ئەھۋالدا، قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بۇلتۇر بۇ ساننى سەل ئاشۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش، تولۇق ئوتتۇرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانىنى كۆپەيتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، گۇاڭدۇڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار كۆپىيىشكە باشلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىزىملىتىش قىزغىنلىقى يەنە بىر نەچچە يىل داۋاملىشىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا، شەندۇڭدا 2009-يىلىدىن تارتىپ ئۇدا تۆت يىل ئازايغاندىن كېيىن، يەنە ئۆرلەشكە باشلىدى؛ سىچۈەندە ئەينى يىللىرىدىكى يۇقىرى تۇغۇت نىسبىتى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغانلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان داۋاملىق كۆپەيدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە