باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئىرانغا يەنە جازا قوللىنىپ، ئىراننىڭ چوڭ سايلىمىنى قالايمىقانلاشتۇرماقچى(2)

2013.06.13 08:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ يادرو قورالى تەتقىقاتىنى توسۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىرانغا ئىزچىل بېسىم ئىشلىتىپ كەلدى، بىراق، بۇ جەرياندا ئامېرىكا جازاسىنى پات-پات بوشىتىپ تۇردى. 6-ئىيۇن، ئامېرىكا جۇڭگو، ھىندىستان، مالايسىيە قاتارلىق 9 دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن نېفىت جازاسىنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتىنى 180 كۈن ئۇزارتقانلىقىنى جاكارلىدى.

  تاراتقۇلار تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىزچىل بىخەتەرلىك مەنپەئىتىنى ئوتتۇرا شەرققە، ئىقتىسادىي مەنپەئىتىنى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا قارىتىپ كەلدى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، ئامېرىكا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرىۋاتقاندا، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيەت تەرەققىياتى ئامېرىكىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولمىدى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ ھەل قىلشقا تېگىشلىك مەسىلسى بولۇپ قالدى. كېررى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولۇپ ئۇزاق ئۆيمەيلا ئوتتۇرا شەرققە نەچچە قېتىم باردى، بۇ ئوبامانىڭ ئىككىنچى ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  ئالدىن مۇشت كۆتۈرۈش ئانچە ئاقىلانىلىق ئەمەس، ئوباما ھۆكۈمىتى ئىران مەسىلىسىنى جازالاش ۋە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، ھەمدە رايون ۋە خەلقئارادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بولغان ھەمكارلىقتىن پايدىلىنىپ ئىران بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئورنىنى كۈچەيتىشكە ئۇرىنىۋاتىدۇ.

  كەڭچىلىك قىلىش ۋە قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتى بىر تەرەپتىن ئىرانغا تەھدىت بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن توقۇنۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئوتتۇرا شەرقتە بىر خىل بىر قەدەر مۇقىم ۋەزىيەت شەكىللەنسە ئامېرىكىىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلىشىغا پايدىلىق.

  1-ئىيۇلدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىغان جازا تەدبىرىنى ھېسابلىغاندا، ئامېرىكا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئىرانغا 9 قېتىم ئۆز ئالدىغا جازا قوللاندى.

  ئىراننى قاتتىق زەخمىگە ئۇچرىدى دېيىشكە بولىدۇ. ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ، ئىراننىڭ كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى 700 مىڭ باك ئازلاپ كەتتى، نېفىت ئېكسپورت مىقدارىمۇ زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى، بۇ ئىرانغا تەخمىنەن 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغىچە زىيان بولدى، ئىران پۇلىنىڭ قىممىتىمۇ چۈشۈپ كەتتى. يېڭى جازا تەدبىرى كۈچكە ئىگە بولسىلا ئىراننىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىدۇ.

  تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ئىقتىسادىي جازا ئىرانغا زور زەربە بولسىمۇ، مەيلى قانچىلىك قىيىنچىلىقتا قالسۇن ئىران ھەرگىز باش ئەگمەيدىكەن. ئامېرىكىنىڭ ئاقىللار ئامبىرىمۇ: ئامېرىكىنىڭ بۇ جازا تەدبىرلىرىدە يېڭىلىق يوق، دەپ ئەيىبلىدى.

  بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ئەگەر ئىران سايلامنى غەلبىلىك تاماملاپ، ھاكىمىيەتنى ئالماشتۇرسا، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ئاساستا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە 6 تەرەپلىك سۆھبەتنى قايتا باشلىيالايدۇ. شۇڭا قىسقا ۋاقىتلىق ئۈنۈمدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىراننى جازالىشى يېڭى بىر نۆەتلىك سۆھبەتتە ئامېرىكىنىڭ دەسمايىسىنى ئاشۇرىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە