- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ياپونىيەدىكى Bossa Nova خانىشى ئونا لىسا
2013.06.13 11:29 مەنبە: خەلق تورى
ئونا لىسا(小野丽莎)نىڭ ناخشىلىرى بەزىدە يۇمشاق، سۈزۈك، بەزىدە شوخ . ئۇنىڭ ئىللىق چىرايى، شامالدەك يىنىك ئاۋازى ئادەمگە ئارامبەخش تۇيغۇ بېغىشلايدۇ.
ئونا لىسا 1962-يىلى بىرازىلىيە سان پاۋلودا تۇغۇلغان بولۇپ، 10 ياش ۋاقتىدا ئۆيىدىكىلەر بىلەن ياپونىيەگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ بىرازىلىيەدىكى ۋاقتىدا بىرازىلىيە مۇزىكىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1989-يىلى ئۇ ياپونىيە تۇنجى قېتىم پورتۇگال تىلىدىكى پىلاستىنكىسى «Catupiry»نى تارقاتقان. بىرازىلىيە سامبا ئۇسۇلى ۋە جاز مۇزىكىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جەم قىلغان Bossa Nova ئۇسلۇبى ياپونىيەدىكى مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىنى ئىنتايىن جەلىپ قىلغان.
ئونا لسا يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان Bossa Nova مۇزىكىسىنى تەشۋىق قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، بىرازىلىيە سامبا مۇزىكا ئىلىمنتلىرىدىن باشقا يەنە رۇسىيە، ئەرەبچە مۇزىكىلىرىنى Bossa Nova بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مۇزىكىلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ دۇنياغا يۈزلەندۈردى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى ئۇ مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىغا تېخىمۇ ئېسىل مۇزىكىلارنى تەقدىم قىلماقتا،
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە