باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

قازاقىستاندىكى «شەنشى كەنتى»

2013.06.07 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستان چېگراسىدا تەخمىنەن 100 مىڭ ئەتراپىدا تۇڭگانلار ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى19-ئەسىردە چىڭ سۇلالىسى خۇيزۇلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن، ئارقا-ئارقىدىن شەنشى، گەنسۇ ئۆلكىسىدىن بۇ جايغا قېچىپ كەلگەن خۇيزۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى. 1942-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى قانۇنىدا ئۇلار «تۇڭگان»دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، بۇ كەنتلەر دۆلەت چېگراسىغا قاراپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان ئىككى دۆلەتكە ئايرىلغان.

  تۇڭگانلار تىل، يىمەكلىك، توي-تۆكۈن، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردىن ھازىرغىچە كىينكى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربىي شىماللىقلارنىڭ ئادىتىنى ساقلاپ كەلگەن.

  ھازىر، شەنشى سۆزى ئۇلارنىڭ تىلىدا ئىنتايىن ئاز بىر قىسىمنى ئىگىلەيدۇ. تۇڭگانلار خەنزۇ يېزىقىنى ساقلاپ قالمىغاچقا، ئۇلار ئۆزگىچە تۇڭگان تىلىنى پەيدا قىلغان، يەنى رۇسچە سىلاۋيان ھەرىپى بىلەن شەنشى تەلەپپۇزى ۋە رۇسچە، قازاقچىنى يازىدۇ.

  بۇنىڭدىن بۇرۇن، مۇخبىرلار ئالمۇتادىن يولغا چىقىپ، تۇڭگانلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىنى زىيارەت قىلغىلى باردى.

  ئۇلارنىڭ مۇشۇ جايدىكى تۇڭگان بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەن ھۈسەي كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئۇ شەنشى تەلەپپۇزىدا ناھايىتى ياخشى سۆزلەيدىكەن. ئۇ مۇخبىرلارغا ئەجدادلىرىنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ بالىلىرىغا « يۇرت شىۋىسىنى ئۇنتۇپ قالما، ئەنئەنىمىزنى ئۇنتۇپ قالما، يوقاتساڭ، بىزنىڭ يىلتىزىمىزنى يوقاتقان بىلەن تەڭ» دەپ نەسىھەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەن ھۇسەينىڭ ئېيتىشىچە، تۇڭگانلار بۇ جايدىكى خەلق بىلەن ئىناق ئۆتۈۋاتقان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسىنىمۇ ساقلاپ قالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ كەشتىلەنگەن چاپىنىنى سىلاپ تۇرۇپ، ھازىر تۇڭگان قىزلارنىڭ ياتلىق بولغاندىمۇ مۇشۇنداق چاپان كىيىدىغانلىقىنى، ئازراقمۇ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

  مۇخبىر ئەن ھۇسەينىڭ سىڭلىسىنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە بىر ئۆي كىشىلىرى تاماق يەۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ سىڭلىسىنىڭ يولدىشىنىڭ ئىسمى ئىزمىر بولۇپ، بوۋىسى چېن شىئەننىڭ ئىسمى بۇ ئائىلىنىڭ فامىلىسى ئىكەن. ھويلا ناھايىتى كەڭ بولۇپ، تۆت ئەۋلاد بىللە تۇرىدىكەن. كۆپىنچە ئۆيدە كاڭ بولۇپ، كاڭنىڭ بىر چېتىدە يوتقان-كۆرپە يىغىپ قويۇلغان جۇڭگوچە كاڭ ئىشكابى بار ئىكەن.

  تۇڭگانلارنىڭ ۋەكىلى 2011-يىلى شىئەنگە بېرىپ، دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان. ئۇ كۈنى شىئەن شەھىرى ئالاھىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ «قايتىپ كەلگەنلىكىنى» قارشى ئالغان. نۇرغۇن ئادەم ياش تۆككەن. ئەن ھۇسەي مۇنداق دېدى: «100 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، يۇرتداشلىرىمىز بىزنى سىرتنىڭ ئادىمى كۆرمىدى، كىچىكىمىزدە دائىم بوۋام،دادامنىڭ شەرققە قاراپ ئازرۇسىنى ئېيتىپ، يۇرتىمىز شۇ جايدا، دېگىنىنى كۆرەتتىم. ھازىر بىز ئاخىرى يۇرتقا قايتىش ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە