- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۈرۈمچىدە تازىلىقى ئۆلچەمگە يەتمىگەن تاماقخانىلار قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلىدۇ
2013.06.13 17:37 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
-ئىيۇن ، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ مېيخۇي شىمالىي شىنخۇا يولىدىكى بىر تاماقخانىغا ‹‹ تازىلىقى ناچار ئورۇن›› دېگەن قارا تاختا ئېسىلغانلىقىنى كۆردى .
بۇ قارا تاختا 5-ئىيۇن ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق سەھىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېسىلغان بولۇپ ، بۇنىڭدا تاماقخانىنىڭ ئۆزىنى تېزراق ئوڭشىۋېلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش مەقسەت قىلىنغان .
تاماقخانا مەسئۇلى مۇنداق دېدى : قارا تاختا ئېسىلغاندىن كېيىن ، تاماقخانىمىزغا كېلىدىغانلار زور دەرىجىدە ئازايدى ، بىز تېزدىن بۇ قارا تاختىنى ئېلىۋېتىش ئۈچۈن تازىلىقىمىزنى ياخشىلايمىز .
ئىگىلىنىشىچە ، نۆۋەتتە تەڭرىتاغ رايونى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە كەسپىي خادىملار ئىچىدىن 70 دىن ئارتۇق نازارەتچى خادىم قوبۇل قىلغان بولۇپ ، تەڭرىتاغ رايونى تەۋەلىكىدە تاماقخانىلارنى مەركەزلىك ۋە تارقاق نازارەت قىلىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە