باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

مەملىكەت بويىچە بىر مىليون ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىشتىن ۋاز كەچتى

2013.06.09 08:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېلىنىۋاتىدۇ، لېكىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىنى پۈتتۈرگەن بارىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى 9 مىليون 120 مىڭ ئوقۇغۇچى بەرگەن بۇ چوڭ تىپتىكى ئىمتىھانىغا قاتناشمىدى. كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان باشلانمايلا ۋاز كەچتى.

  مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ ئوتتۇرا شەھەرلەردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن قىسمەن ئوقۇغۇچىلار چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش يولىنى تاللاپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىبارەت كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋېلىشقا ئۇرۇنمىغان . ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقانلار سانى ئوبىيىكتىپ جەھەتتىن ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن ئىمتىھان بېرىشتىن ۋاز كەچكەن كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار بىۋاستە ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى تاللىغان. مائارىپ تارماقلىرى ئېلان قىلغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار 200 مىڭدىن ئاشمايدىكەن، بۇنىڭدىن باشقا 800 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى تاللىغان. يەنە بىر قىسمى يەنە بىر يىلى ئىمتىھانغا قاتنىشىش يولىنى تاللىغان. 800 مىڭ ئوقۇغۇچى ئىچىدە يېزا ئوقۇغۇچىلىرى مۇتلەق كۆپ قىسىمنى ئىگىلەيدىكەن. مائارىپ ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ ئابىدىلىك ئەھمىيىتى ئاجىزلاشتى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەقدىرنى ئۆزگەرتىش ھەل قىلغۇچ تەسىرگە ئىگە بولالمىدى. شۇڭا بۇ كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشماسلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە