مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تېدرۇس: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ كەڭ تارقىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا، ئىشنى خەۋپ-خەتىرى ئەڭ يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپىنى قوغداشتىن باشلاش كېرەك

2020.08.20 17:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئەمەلدارى تېدرۇس 18- چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ كەڭ تارقىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى قايتىدىن ئېچىۋېتىشنىڭ ئەڭ تېز ئۇسۇلى بولسا، ئىشنى ھەرگىزمۇ بەزى دۆلەتلەرنىڭ بارلىق نوپۇسىنى قوغداشتىن ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەۋپ-خەتىرى ئەڭ يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپىنى قوغداشتىن باشلاشتۇر. ئۇ يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەشتىكى، بولۇپمۇ ۋاكسىنا جەھەتتىكى «مىللەتچىلىك»دىن ساقلىنىش كېرەك، دېدى.

  تېدرۇس شۇ كۈندىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئارقا سەپ تەمىناتى ۋە ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسىدىن، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ كەڭ تارقىلىشى خەلقئارا جەمئىيەت دۇچ كەلگەن ئەڭ كەسكىن خىرىسلارنىڭ بىرى. گەرچە ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ئالدى بىلەن ئۆز دۆلىتى خەلقىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلسىمۇ، لېكىن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسغا تاقابىل تۇرۇشتا چوقۇم كوللېكتىپ ھەرىكەت قوللىنىش كېرەك. بىز ئاچچىق ساۋاقلاردىن شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، بۇ تارقىلىشچان كېسەلنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى قايتىدىن ئېچىۋېتىشنىڭ ئەڭ تېز ئۇسۇلى بولسا، ئىشنى ھەرگىزمۇ پەقەت بەزى دۆلەتلەرنىڭ بارلىق ئاھالىسىنى قوغداشتىن ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەۋپ-خەتىرى ئەڭ يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپىنى قوغداشتىن باشلاشتۇر.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى :ئىستراتېگىيە جەھەتتە ۋە يەر شارى مىقياسىدا چەكلىك ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئەمەلىيەتتە ھەر بىر دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.

  ئۇ يەنە كۆپچىلىككە مۇراجىئەت قىلىپ، يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسى ئالدىدا كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە «پۈتكۈل ئادەم بىخەتەر بولۇشتىن بۇرۇن، ھېچكىم بىخەتەر بولالمايدۇ، ھېچقانداق بىر دۆلەت ئاساسىي دورا ۋە ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىش، ياساش ۋە تەمىنلەشنىڭ بارلىق زەنجىرىگە تولۇق ئېرىشەلمەيدۇ.» دېدى، ھەمدە دۆلەتلەرنىڭ بارلىق مۇھىم خادىملارنىڭ قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ دېكسامېساسون قاتارلىق ئۈنۈملۈكلۈكى ئىسپاتلانغان يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش دورىلىرىغا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ