مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاساسىي سەھىيە مۇلازىمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى

2020.05.07 15:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئەمەلدارى تېدروس 6- ماي مۇنداق دېدى: پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر يىلى سەھىيە جەھەتتىكى چىقىمى تەخمىنەن 7 تىرىليون 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۇ دۇنيا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەخمىنەن %10نى ئىگىلەيدۇ، لېكىن ئەڭ ياخشى مەبلەغ سېلىش بولسا، ئاساسىي سەھىيە بويىچە ساقلىقنى ساقلاش قاتلىمىدا ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. بۇ، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ ھەمدە مەبلەغنى تېجەپ قالىدۇ.

  تېدروس شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سىنلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: پۈتۈن دۇنيا بويىچە نۆۋەتتە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا قىلىنغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىروس بىلەن يۇقۇملانغان بىمار سانى 3 مىليون 500 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، بۇلاردىن 250 مىڭغا يېقىن ئادەم قازا قىلغان. 4- ئاينىڭ باشلىرىدىن بۇيان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا قىلىنغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا ھەر كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمارنىڭ سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 80 مىڭچە بولغان. يۇقۇم ئەھۋالى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئاساسىي سەھىيە مۇلازىمىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭدا مەھەللىلەرنىڭ سەھىيە-ساقلىقىنى ساقلاش مۇلازىمىتىگە بولغان بۇزغۇنچىلىقمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ