خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ۋىسكونسىن ئىشتاتى مىلۋاۋكى شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى بىر تۇرالغۇدا 27- ئاپرېل ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بەش ئادەم قازا قىلدى.
شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ساقچىلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بەش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ھەممىسى بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى، يېشى 14 ياشتىن 41 ياشقىچە ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. بىر بوۋاق بالا-قازادىن ئامان قالدى. ساقچى تەرەپ ئوققا تۇتۇلغان نەق مەيداندىن بىر تاپانچىنى تاپتى ھەمدە 43 ياشلىق بىر گۇماندارنى قولغا ئالدى. شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جىنايەت گۇماندارى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بىلەن تونۇشىدىغان بولۇپ، جىنايەت سادىر قىلىش تارىخى بار ئىكەن. ساقچى تەرەپ بۇ دېلونى تەكشۈرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ