مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئافرىقىنى يۇقۇم ۋەھىمىسى قاپلىدى، ئافرىقا كېيىنكى ئاپەت مەركىزى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن

2020.04.29 17:18 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئافرىقا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 4-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمار 29 مىڭ 422 گە يېتىپ، ئالدىنقى ھەپتىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %45 ئاشقان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بىر مىليارد 300 مىليون نوپۇسى بار ھەمدە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ مەركەزلەشكەن ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ يۇقۇم كەڭ تارقالغان كېيىنكى «يۇقۇمنىڭ مۇھىم نۇقتىسى» بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.يۇقۇمنىڭ ۋەھىمىلىك كۆلەڭگۈسى بۇ چوڭ قۇرۇقلۇققا يېقىنلىشىۋاتىدۇ. تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىز، سەھىيە سىستېمىسى ئاجىز، ماددىي بايلىقى كەمچىل، شۇنداقلا چېكەتكە ئاپىتى، بەزگەك قاتارلىقلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان ئافرىقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سېپى قولدىن كەتسە، يۇقۇم سىستېمىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت، بىخەتەرلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى پەيدا قىلىدۇ.«ئافرىقىنى قوغداش جېڭى»نى جەزمەن مۇددەتتىن بۇرۇن باشلاش، خەلقئارا جەمئىيەت ئافرىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىشى كېرەك.

  ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ سەھىيە سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك ئاجىز، ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە يېتەرسىز بولغاچقا، ئافرىقىدىكى ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارىنىڭ سانى ئەمەلىي ساندىن خېلىلا تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن. ئافرىقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى بىر قەدەر توغرا باھالاش ئۈچۈن، يېقىندا بىر ئاي ئىچىدە بىر مىليون قېتىم ۋىرۇس تەكشۈرۈشنى، تۆت ئاي ئىچىدە 10 مىليون قېتىم ۋىرۇس تەكشۈرۈشنى پىلانلىدى.

  لېكىن كېنىيە نايروبى داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ئېۋالىستۇس ئىراندونىڭ قارىشىچە، ئافرىقىنىڭ ئاجىز سەھىيە سىستېمىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، ھەتتا كېيىنكى ئاغرىقلارنى داۋالاش خىزمىتىنى يېتەرلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىيەلمەيدىكەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، مىليون دەرىجىدىن يۇقىرى كۆلەملىك تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان تەقدىردىمۇ، نامرات ھەم بايلىقى كەمچىل ئافرىقا ئۈچۈن ئېيتقاندا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل ۋەزىپە ھېسابلىنىدۇ.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 4-ئاينىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:43 ئافرىقا دۆلىتىدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش كېسەلخانىسىدىكى كارىۋات 5000غا يەتمەيدۇ، بۇ، ھەر مىليون ئادەمگە ئاران بەش كارىۋات توغرا كېلىدۇ دېگەندىن دېرەك بېرىدۇ، ئەمما ياۋروپادا، ھەر مىليون ئادەمگە 4000 ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش كارىۋىتى توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، 41 ئافرىقا دۆلىتى دوكلات قىلغان نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ئومۇمىي سانى 2000غىمۇ يەتمەيدۇ.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئافرىقا ئىقتىساد كومىتېتى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق ئاگاھلاندۇرغان ئىدى: ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سەھىيە سىستېمىسىنىڭ «ئومۇميۈزلۈك ئاجىز بولۇشى ھەم مەبلەغ يېتىشمەسلىك» ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئەگەر يۇقۇم ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنمىسا، ئۇنداقتا ئافرىقىدا ئەڭ ناچار ئەھۋالدا، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسى بىر مىليارد 200 مىليون ئادەمنىڭ يۇقۇملىنىشىنى، ئۈچ مىليون 300 مىڭ ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئەڭ ياخشى ئەھۋالدىمۇ، ۋىرۇس 122 مىليون ئادەمنىڭ يۇقۇملىنىشىنى، 300 مىڭ ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  بۇ مەزگىلدە شەرقىي ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ يىلقى ئىككىنچى قېتىملىق چېكەتكە ئاپىتىگە ئۇچرىدى. ئەمما ھازىرغىچە ئىبولا ۋىرۇسىنىڭ زىيىنىدىن ئەسلىگە كېلەلمىگەن ئافرىقا دۆلەتلىرى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن باشقا يەنە بەزگەك، ئەيدىز قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ تەھدىتىگە دۇچار بولماقتا. بۇ تەھدىتلەر گىرەلىشىپ، ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سىستېمىسىنى غايەت زور بېسىمغا دۇچار قىلدى.

  خەلقئارا جەمئىيەت ئافرىقىدا يۇقۇمنىڭ «ئاپەتكە ئايلىنىش» يۈزلىنىشىگە كۈنسېرى يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ. كېنىيەنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى كاۋىنس ئادشېرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش كۈچلۈك بولمىسا، ئىقتىساد سىجىل چېكىنىۋاتقان ئەھۋالدا، ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان ئافرىقىدا بەلكىم سىستېمىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت، بىخەتەرلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى يۈز بېرىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى يوققا چىقىدىكەن.

  ۋىرۇسنىڭ دۆلەت چېگراسى بولمايدۇ، ئىرق ئايرىمايدۇ، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس، خەلقئارا جەمئىيەت پەقەت ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرگەندىلا، ئاندىن جەڭدە غەلىبە قىلالايدۇ.ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا قۇربى يەتمىگەچكە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ، تېخنىكا، ماددىي ئەشيا، ئۈسكۈنە قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم قولىنى سۇنۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى.

  جۇڭگو ئۆزى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئافرىقا دۆلەتلىرىگە جىددىي ياردەم بېرىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەپ، داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنى ئەۋەتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى. 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل ئىئانە قىلىپ، بۇنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «يەر شارى بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى قوللىغانلىق كۆپ تەرەپچىلىك ئىدىيەسى ۋە پىرىنسىپىنى قوغدىغانلىق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورنى ۋە نوپۇزىنى قوغدىغانلىق».

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس 4-ئاينىڭ 17-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يالغۇز ساغلاملىق كىرىزىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر مەيدان ئىنسانىيەت كىرىزىسى، يۇقۇمدا ۋىرۇس كەڭ تارقىلىپلا قالماستىن، يەنە ئىشسىزلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى يۈز بېرىدۇ. «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن ئىبارەت بۇ مىسلىسىز خىرىس ئالدىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىش-كېلەلمەسلىكى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىتتىپاقلىقىغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم سىناق.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ