خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا جونس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 31- مارت ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 40 مىڭدىن ئاشقان.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسىم ۋاقتى 31- مارت سائەت 13 تىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 1- ئاپرېل سائەت 1 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە)، يەر شارى بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گېرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى 823 مىڭ 479غا، ئۆلگەن بىمارلارنىڭ سانى 40 مىڭ 708گە يەتكەن.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھازىر يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گېرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت بولۇپ، بىمار سانى 175 مىڭ 67گە يەتكەن، 3415 ئادەم ئۆلگەن؛ ئىتالىيە بولسا، ئۆلگەنلەر سانى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت بولۇپ، ئۆلگەنلەر 12 مىڭ 428گە، يۇقۇملانغانلىقىغا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بىمارلارنىڭ ئومۇمىي سانى 105 مىڭ 792گە يەتكەن.
بۇ سانلىق مەلۇماتلار جونس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس تەتقىقات تۈرى ئورنى ھەر ۋاقىت جەملىگەن ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن كەلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ