مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىران ئۇكرائىنا يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋەقەسىگە ئالاقىدار بىر قانچە خادىمنى قولغا ئالدى

2020.01.15 16:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران ھۆكۈمەت تەرەپ ئاگېنتلىقىنىڭ 14-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران ئەدلىيە تارماقلىرى ئۇكرائىنا يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋەقەسىگە ئالاقىدار بىر نەچچە خادىمنى قولغا ئالغان.

  ئىران ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ باياناتچىسى ئىسمائىل شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملارنى تەكشۈرۈپ، سوراق قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى توپلاۋاتقانلىقىنى ھەمدە بىر نەچچە ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىسمائىل مۇنداق دېدى: ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسى فىرانسىيەگە ئەۋەتىلدى، ئىران ۋە ئۇكرائىنا مۇتەخەسسىسلىرى پۈتۈن تەكشۈرۈش مۇساپىسىگە قاتنىشىدۇ.

  ئىران زۇڭتۇڭى روھانى 14-چېسلا ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىشىدە، ئىران ئەدلىيە تارماقلىرىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك سودىيە ۋە ئون مۇتەخەسسىستىن تەركىب تاپقان «ئالاھىدە سوت» قۇرۇپ، ئۇكرائىنا يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى يەنىمۇ ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ: «يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى نورمال ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا ئىراننىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىشىغا دىققەت قىلىۋاتىدۇ»، دېدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، روھانى ئىران ئارمىيە تەرەپنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى «سەمىمىيلىك بىلەن خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغان»لىقىدىن رازى بولغانلىقىنى ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئارقىلىق جامائەتچىلىككە بىر جاۋاب بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۇكرائىنا خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بوئىن 737- 800 بەلگىلىك بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئىران پايتەختى تېھراننىڭ ھۇمەينى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋغا قاراپ ئۇچقان، ئەمما ئۇچۇپ ئۇزاق ئۆتمەي چۈشۈپ كەتتى، ئايروپىلاندىكى 167 يولۇچى ۋە توققۇز ئايروپىلان خادىمىنىڭ ھەممىسى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئىران ھەربىي تەرەپ 11- چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىران ھەربىي تەرەپنىڭ «قەستەنلىكسىز» ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى، بۇ ۋەقە «سۈنئىي خاتالىق»تىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ