مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چاۋشيەن تاراتقۇلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاۋشيەنگە قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە يۇقىرى باھا بەردى

2019.06.24 15:19 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن 6-ئاينىڭ 20-، 21-كۈنلىرى چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. چاۋشيەننىڭ چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى، «ئەمگەك خەۋەرلىرى» قاتارلىق ئاساسلىق تاراتقۇلىرى ئۇدا بىرنەچچە كۈن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاۋشيەننى زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنى تەپسىلىي سۈرەتلىك خەۋەر قىلدى ھەمدە بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئەھمىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.

  چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى، «ئەمگەك خەۋەرلىرى» گېزىتى 6-ئاينىڭ 22–كۈنى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئۇننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ پيۇڭياڭدىن ئايرىلغاندا قىزغىن ئۇزىتىپ قويغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى چاۋشيەن-جۇڭگو ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ئەنئەنىسى ۋە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى كۈچلۈك نامايان قىلدى.

  چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى، «ئەمگەك خەۋەرلىرى» گېزىتى قاتارلىق چاۋشيەندىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار 6-ئاينىڭ 21-كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 20-كۈنى پيۇڭياڭغا يېتىپ كەلگەنلىكى ھەمدە كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇن ۋە چاۋشيەندىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 70 يىل بولغان چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ بىر يىلدا ئېلىپ بېرىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئىككى پارتىيە، دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم پۇرسەت، شۇنداقلا چاۋشيەن خەلقىگە بولغان قوللاش ۋە ئىلھام.

  ئەمگەك خەۋەرلىرى گېزىتى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇق تارىخى ئەنئەنىسىنى ئەسلەيدىغان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدىغان، «چاۋشيەن-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئەنئەنىۋى دوستلۇق بىلەن ئىشەنچ زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن بۇزۇلماس دوستلۇق مۇناسىۋىتى» دىگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتى بۈگۈنكى كۈندە يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى دېدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇن بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: «چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقى ئۇلۇغ ئەنئەنىسى، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقىدا چىڭ تۇرۇش چاۋشيەن-جۇڭگو پارتىيەلىرى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تەۋرەنمەس ئىرادىسى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ