مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

فىلىپپىندا تۇنجى 5G سودا تورى ئېچىلدى، خۇاۋېي يادرولۇق تەمىنلەش سودىگىرى بولدى

2019.06.24 15:11 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  فىلىپپىن يەر شارى تېلېگراف شىركىتى يېقىندا مەزكۇر دۆلەتنىڭ تۇنجى 5G سودا تورى مۇلازىمىتىنى رەسمىي يولغا قويدى، خۇاۋېي شىركىتى ئۇنىڭ يادرولۇق ئۈسكۈنىسىنى تەمىنلىگۈچى سودىگىرى. فىلىپپىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى 5G تورىنى ئاچقان تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالدى.

  فىلىپپىن يەر شارى تېلېگراف شىركىتىنىڭ باش سودا ئەمەلدارى ئالۋېتو لاراساۋال مۇنۇلارنى بىلدۈردى : بىزنىڭ 5G تورىدا ئىشلىتىدىغىنىمىز خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى 5G سودا تورى تۇنجى بولۇپ فىلىپپىننىڭ ئائىلە ۋە ئىشخانا مۇلازىمىتىدە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلىپ، شۇ جاينىڭ تور يوللاش سۈرئىتىنى سىكۇنتىغا 100 مېگابايىتتىن ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.ئىگىلىنىشىچە، فىلىپپىندىكى ئىككى چوڭ تېلېگراف تىجارەت سودىگىرى بولغان يەر شارى تېلېگرافى بىلەن PLDT تېلېگرافى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل خۇاۋېي شىركىتىنىڭ تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەن ھەمدە ئىككى شىركەت خۇاۋېي بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان.

  خۇاۋېي شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى رېن جېڭفېي بۇنىڭدىن بۇرۇن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خۇاۋېينىڭ 5G سى نۆۋەتتىكى تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بەزى دۆلەتلەرنىڭ خۇاۋېينىڭ ئالاقىدار كەسىپلەرگەكىرىشىنى چەكلىگەنلىكىگە قارىتا،دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كۈچىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ جۇڭگو كارخانىلىرىغا بېسىم ئىشلىتىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ