خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى 3-ئىيۇن ئالتۇن-كۈمۈش خاتىرە پۇلى تارقىتىپ، رۇسىيە-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى شۇ كۈنى تارقاتقان ئالتۇن خاتىرە پۇلنىڭ قىممىتى 50 رۇبلى بولۇپ، 500 دانە تارقىتىلغان. تىللانىڭ ئوڭ يۈزىگە رۇسىيەنىڭ دۆلەت گېربى چۈشۈرۈلگەن؛ ئارقا تەرىپىنىڭ سول تەرىپىگە كرېمل سارىيىدىكى سپارسك مۇنارى، ئوڭ تەرىپىگە بېيجىڭ تيەنئەنمېن راۋىقى، ئوتتۇراىسىغا رۇس تىلىدىكى «70 يىللىقى» دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن.
خاتىرە كۈمۈش پۇلنىڭ قىممىتى ئۈچ رۇبلى بولۇپ، 5000 دانە تارقىتىلغان. كۈمۈش تەڭگىنىڭ ئوڭ-تەتۈر يۈزىدىكى نەقىشلەر ئالتۇن تەڭگە بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن ئارقا تەرىپىنىڭ گىرۋىكىگە رەڭلىك بېزەك ھالقا قوشۇلغان.
رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىم تارقىتىلغان خاتىرە پۇل رۇسىيە قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پۇل بولۇپ، ئۈستىدىكى قىممىتى بويىچە ئەركىن ئوبوروت قىلىنىدۇ.
بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگو-رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ