فرانسىيە ئالىمى پىكار: سودا قۇرۇقچىلىقىدىن ئىبارەت كونا ئالۋاستىنىڭ تىرىلىشى، ھازىرقى دەۋىر ئېقىمىغا زىت
يېقىندا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئۇسۇلىغا قارىتا، فىرانسىيە پارىژ 8-داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى، جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى پىئېر پىكار يېقىندا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا كونا تەپەككۇر بىلەنلا چەكلىنىپ، خەلقئارا قائىدە ۋە تەرتىپكە ئېتىبار بەرمەي، سودا قورۇقچىلىقىدىن ئىبارەت بۇ «كونا ئالۋاستى» نىڭ تىرىلىشى، ھازىرقى دەۋر ئېقىمىغا زىت. پىكار مۇنداق دېدى: سۆھبەتنى قانات يايدۇرۇشقا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا «تاموژنا بېجى كالتىكى» نى تېخىمۇ پۇلاڭلىتىپ، سودا تالاش-تارتىشىنى ھەل قىلىشتا «ئىنتايىن ناچارلىقنىڭ ئۈلگىسى» بولۇپ قالدى. ئۇ مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇردى: سودا ئۇرۇشى جۇڭگودىن ئىبارەت دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ماتورنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئامېرىكىمۇ «ئاچچىق نەتىجى»نى يۇتۇۋالىدۇ، يەنە ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىغا يۈك بولۇپ قالىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش خەۋپ-خەتىرى كۈچىيىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ