5-ئاينىڭ 27-كۈنى رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف موسكۋادا زىيارەتكە كەلگەن كۇبانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رودرىگۇس بىلەن كۆرۈشتى. لاۋروف سۆھبەتتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ كۇباغا قاراتقان ئىقتىساد قامىلىنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئامېرىكىنى كۇباغا قارىتىلغان قامىلىنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ دېدى.
لاۋروف بىلەن كۇبانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رودرىگۇس ۋېنېسۇئېلا مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا، ئامېرىكىنىڭ ۋېنېسۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقى ھەمدە ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىقتىسادىي جازا، دىپلوماتىيەدە يېتىم قالدۇرۇش ۋە ھەربىي تەھدىت ئارقىلىق ۋېنېسۇئېلاغا بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى، بۇ خىل ئۇسۇل رايون ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرىۋەتتى دېدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ