بىرازىلىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى موراۋ يېقىندا خۇاۋېي شېركىتىگە مەدەت بېرىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا ياخشى قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئۇ جۇڭگو بىلەن بىللە كۆپ تەرەپچىلىك ۋە دۇنيا كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىنى قوغداشنى خالايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈرگەن ئىدى.
موراۋ 5-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولدى. ئۇ زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە زىيارەت مەزگىلىدە جۇڭگو-برازىلىيە تاراتقۇلىرىغا خۇاۋېينىڭ بىرازىلىيەدىكى تەرەققىياتىغا ياخشى قارايدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىرازىلىيە سان پاۋلو شىتاتلىق داشۆسى پەلسەپە ۋە ئىلىم-پەن شۆيۇەنىنىڭ پىروفېسسورى، جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى لۇئىس پاۋلىنو يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرازىلىيەنىڭ خۇاۋېينى رەت قىلىشقا ئاساسى يوق. نۆۋەتتە خەلقئارا مۇھىت مۇرەككەپ، برازىلىيە ھۆكۈمىتى بۇ يېڭى يۈزلىنىش، يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە ئەمەلىي پوزىتسىيە بىلەن تاقابىل تۇرىدۇ، برازلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئۈنۈمىگە ئىگە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ