باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن ئەمەلدارى ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەننىڭ رەھبىرىي كادىرىنى جازالىشى «ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى»، دېدى

2018.12.17 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن دىپلوماتىيە ۋازارىتىنىڭ ئامېرىكا تەتقىقات ئورنى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى 16- دېكابىر سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «ئىنسانىي ھوقۇق» دېگەننى باھانە قىلىپ، چاۋشيەننىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئامېرىكىنىڭ جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى «ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشى» ھېسابلىنىدۇ، دېدى.

  چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ كۈنى ئېلان قىلغان بۇ قېتىملىق سۆھبەت مەزمۇنىغا قارىغاندا، ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ بۇ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: چاۋشيەن-ئامېرىكا رەھبەرلىرى سىنگاپوردا كۆرۈشكەندىن كېيىنكى ئالتە ئاي ئىچىدە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ھەر كۈنى يامان نىيەت بىلەن چاۋشيەنگە تۆھمەت قىلدى، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى بىلەن مالىيە مىنىستىرلىقى چاۋشيەننى پۇل يۇيۇشقا قاتناشقان، كېمە يۆتكەش ئارقىلىق قانۇنسىز سودا قىلغان، تور ھۇجۇمىنى قانات يايدۇرغان، دېگەندەك ھەر خىل باھانىلەر بىلەن كۆپ قېتىم چاۋشيەن، ھەتتا رۇسىيە قاتارلىق 3-دۆلەتنىڭ شىركەت، شەخس ۋە كېمىلىرىگە قارىتا جازالاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. يېقىنقى مەزگىلدە، ئامېرىكا يەنە مەۋجۇت بولمىغان «ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى»نى كۆتۈرۈپ چىقىپ، چاۋشىيەندىن ئىبارەت بۇ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئامېرىكىنىڭ جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشتەك «ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشى»نى ئېلىپ باردى.

  بۇ ئەمەلدار: قارشى تەرەپكە تەھدىت سېلىش، قورقۇتۇش ۋە بېسىش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئەمەس، چاۋشيەن ئالدى بىلەن ئىشەنچ بەرپا قىلىش، قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن باشلاپ، بىر-بىرلەپ باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، چاۋشيەن-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، دېدى.

  ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 10- دېكابىر چاۋشيەننىڭ ئۈچ نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۇلار باشقۇرغان تارماقلاردا ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار مەۋجۇت، دېدى. جازالانغان ئۈچ نەپەر ئەمەلدار: چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى تەشكىلىي يېتەكچىلىك بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چو ريۇڭخەي، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى تەشۋىقات- سەپەرۋەرلىك بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پاك كۋاڭخو، چاۋشيەن دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جېڭ جىڭزى قاتارلىقلار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر