باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىدىكى بىر دوكلاتتا مۇساپىرلارنىڭ ئىقتىسادقا قارىتا ئىجابىي تەسىرى بارلىقى كۆرسىتىلدى

2016.09.23 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم نارودنىك سىياسەتۋازلار سىرتتىن كەلگەن كۆچمەنلەرنى كەلكۈن ۋە يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئوخشىتىپ، كۆچمەنلەر بۇ دۆلەتتىكى پۇقرالارنىڭ تاماق قاچىسىنى تارتىۋالدى، دېدى.

  بىراق، 21- سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، كۆچمەنلەر يەرلىك كىشىلەرنىڭ خىزمىتىنى تارتىۋالمايدىكەن، ئۇلارنىڭ مائاش سەۋىيەسىنىمۇ تۆۋەنلىتىۋەتمەيدىكەن، ئەكسىچە، كۆچمەنلەر ئامېرىكا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكەن. مەزكۇر تەتقىقات دوكلاتىنى ئامېرىكا دۆلەتلىك پەن-قۇرۇلۇش ۋە مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆتكەن 20 يىلدىن بۇيانقى ئامېرىكا ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشى ئانالىز قىلىنغان. تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى پروفېسسورى فرانسون بلوۋ، «كۆچمەنلەر ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش روھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن پايدىلارنى ئېلىپ كەلدى. ئۇزۇن مۇددەتتىن كۆزەتكەندە، كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئومۇمىي مائاشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئېلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىرى ئىنتايىن كىچىك، ھەتتا يوق»، دېدى. دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: يېڭى كەلگەن كۆچمەنلەر تۈپەيلىدىن تاماق قاچىسىنى تارتقۇزۇپ قويۇش ۋە مائاش سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىش ئېھتىمالى بەك يۇقىرى بولىدىغانلار دەل ئۇلاردىن ئىلگىرى ئامېرىكىغا كەلگەن كۆچمەنلەر ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرەلمىگەن قىسمەن «كونا ئامېرىكىلىقلار» بولۇپ، ئۇلار كۆپىنچە «قابىلىيىتى» ئاز كىشىلەردىن ئىبارەت. ئۇلار پەقەت تېخنىكا تەلىپى تۆۋەن بولغان بەزى خىزمەتلەرنى قىلالايدىغان كىشىلەر بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئورنى ناھايىتى ئاسانلا يېڭى كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ئىگەللىنىدۇ.

  مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى كۆچمەنلەر دەرۋەقە شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە خامچوتىغا قارىتا بېسىم ئېلىپ كېلىدىكەن. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا، كۆچمەنلەر پەرزەنتلىرىنىڭ ئاممىۋىي مائارىپىغا ھۆكۈمەت تەرەپ پۇل خەجلەيدىكەن، بىراق ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ كىرىمى بىر قەدەر تۆۋەن بولغانلىقتىن، تاپشۇرىدىغان بېجى كۆپ بولمايدىكەن، شۇنداق بولغاندىمۇ، بۇ كۆچمەنلەرنىڭ پەرزەنتلىرى، يەنى ئىككىنچى ئەۋلاد كۆچمەنلەر مائارىپنى قۇبۇل قىلىپ، ئەمگەك كۈچى بازىرىغا كىرسىلا، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ۋە مالىيە بېجىغا بولغان تۆھپىسى ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىسى ۋە باشقا يەرلىك كىشىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر