خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22- سېنتەبىر، نيۇيوركتىكى ب د ت باش شىتابىدا، خەلقئارا پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ليۇ فاڭ يىغىندا سۆز قىلماقتا. خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىدىكى تېررورلۇق تەھدىتى تېمىسىدا يىغىن ئاچتى ۋە قارار ماقۇللىدى. قاراردا، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىخەتەرلىك ئۆلچىمى ۋە تەدبىرلىرى، ئۇچۇر، ئەدىلىيە ۋە تېخنىكا ئالماشتۇرۇش-ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىگە قارىتىلغان تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشقا دەۋەت قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى