باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى تاپاۋەت بېجى ئېلىش ئېتىبار سىياسىتىنى تەڭشىدى

پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش باج يۈكىنى %10تىن %20 كېچە تۆۋەنلەتتى

2016.09.23 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى قوللاپ، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى بىرلىشىپ 22-سېنتەبىر «پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش ۋە تېخنىكىنى پاي قىلىپ قوشۇشقا ئالاقىدار تاپاۋەت بېجى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان بازارغا سېلىنمايدىغان شىركەتلەرنىڭ پاي ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرىشىگە قارىتا كېچىكىپ باج تاپشۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى، بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ پاي چېكى قەرەللىك ھوقۇقى، چەكلىمىلىك پاي چېكى ۋە پاي ھوقۇقى مۇكاپاتىنىڭ باج تاپشۇرۇش مۇددىتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتتى، تېخنىكا نەتىجىسى بىلەن مەبلەغ سېلىپ پاي قوشقانلارغا قارىتا تاللاش خاراكتېرلىك باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى.

  ئىگىلىنىشچە، تەڭشەشتىن بۇرۇنقى باج ئېلىش سىياسىتى بويىچە، كارخانىلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بېرىدىغان پاي چېكى قەرەللىك ھوقۇقى، چەكلىمىلىك پاي چېكى، پاي ھوقۇقى مۇكاپاتى قاتارلىقلارنى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش قاتارلىق ھالقىلاردا «ئىش ھەققى تاپاۋىتى» تۈرىگە ئاساسەن، %3تىن %45كىچە يەتتە دەرىجىلىك ئاشۇرما نىسبەت بويىچە باج تاپشۇرىدىكەن. ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن كېيىن بۇ پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە ئېرىشكەن قوشۇلما قىممەت پايدىسى «مال-مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تاپاۋىتى» تۈرىگە ئاساسەن، %20 باج نىسبىتى بويىچە باج تاپشۇرىدىكەن.

  مالىيە مىنىستىرلىقى باج مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىملىق سىياسەت تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئىككى ھالقىدىن باج ئېلىش بىرلەشتۈرۈلۈپ بىر ھالقىدا باج ئېلىنىدۇ، باج تاپشۇرغۇچى پاي چېكى قەرەللىك ھوقۇقى، چەكلىمىلىك پاي چېكىنى بىكار قىلغاندا ۋە پاي ھوقۇقى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە ۋاقتىنچە باج ئېلىنمايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ پاي ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە قوشۇپ باج ئېلىپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈش قاتارلىق ھالقىلاردا باج تاپشۇرۇش نەق پۇل ئوبوروتىنىڭ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆتۈپ بېرىش ھالقىسىدىكى بىر قېتىمدىلا باج ئېلىش، بىر تۇتاش %20 لىك باج نىسبىتى بويىچە باج ئېلىشقا ئىشلىتىلىپ، ئەسلىدىكى باج يۈكىنى 10 پىرسەنت پوئىنتتىن 20 پىرسەنت پوئىنتقىچە تۆۋەنلىتىپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج تاپشۇرۇش يۈكىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ باج تاپشۇرغاندا ۋاقىت جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ قېتىملىق سىياسەت تەڭشەشتە بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ باج تاپشۇرۇش مۇددىتى يەنىمۇ ئۇزارتىلىپ، ھازىرقى سىياسەتتە بەلگىلەنگەن ئالتە ئايدىن 12 ئايغا ئۇزارتىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر