خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 20-سېنتەبىر كەچتە نيويورك ئىقتىساد كۇلۇبى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتى، جۇڭگو-ئامېرىكا سودىسى مەملىكەتلىك كومىتېتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆز قىلىپ، سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىرقى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاستىلىغان، جۇغراپىيەلىك سىياسىي توقۇنۇش بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىۋاتقان تۇراقسىز، ئېنىقسىز ئامىللار ئالدىدا، ئوخشاش بىر يەر شارىدا ياشاۋاتقان دۆلەتلەر ئۆزىنىلا ئويلاپ، ئۆزگە بىلەن كارى بولمىسا بولمايدۇ. دۇنياغا چوڭقۇر سىڭگەن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى سەل ئاستىلىغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا تەكشى ئېشىشنى ساقلىدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6.7 نى ساقلىدى، بۇ، ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقتارى 10 ترىللىئون دوللارغا يەتكەن ئىقتىسادىي گەۋدىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. ھازىر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتىنىڭ %6-%7 بولىشى GDP نىڭ يىللىق ئېشىش مىقتارىنىڭ 800 مىليارد دوللارغا يېتىپ، ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقتارىغا باراۋەرلەشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى