باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

2- نۆۋەتلىك جۇڭگو _ ئاسىيا-ياۋروپا نەشرىياتچىلىق كۆرگەزمىسىنىڭ نەشرىياتچىلىق مۇنبىرى شىنجاڭ كوئىنلۇن مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى

2016.09.22 14:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21- سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو _ ئاسىيا-ياۋروپا نەشرىياتچىلىق كۆرگەزمىسىنىڭ نەشرىياتچىلىق مۇنبىرى شىنجاڭ كوئىنلۇن مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات- رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شاڭجى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو _ ئاسىيا- ياۋروپا نەشرىياتچىلىق كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يەن گوشەن قاتارلىق دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى نەشرىياتچىلىق ساھەسىدىكى رەھبەرلەر ۋە مېھمانلار مۇنبەرگە قاتناشتى.

  ئامېرىكا، پاكىستان، بېلارۇسىيە، رۇسىيە، فىرانسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، موڭغۇلىيە، مالايسىيا، بېپال، سىرى لانكا، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، ئىيوردانىيە قاتارلىق 14 دۆلەتنىڭ 20 نەچچە نەشرىيات ئاپپاراتىدىن كەلگەن ئېزىز مېھمانلار ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ ئاخبارات-نەشرىيات- رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىلىرى، نەشرىيات گۇرۇھى، نەشرىياتلىرى؛ شياڭگاڭ، تەيۋەن رايونىنىڭ نەشرىيات كارخانىلىرى ۋە شىنجاڭنىڭ نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ 150 كىشى مۇنبەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر