سۈرەتتە: 21- سېنتەبىر، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ B-1B تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئوسان ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قوندى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىق ئىشتابى 21- سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ ئىسپاتلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ B-1B تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانى شۇ كۈنى كورېيەگە يېتىپ كەلگەن ھەمدە بۇنى كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قوللانغان بىرىنچى باسقۇچتىكى ھەربىي تەدبىر، دېگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى