خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان، شىرئەلى ئۆمەر خەۋىرى، فوتوسى) كۇلالچىلىق ئۇزۇن تارىخقا، ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ماددىي مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، ساياھەتچىلىكتىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلانماقتا.
كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئوچا بازىرى خانلىقئېرىق كەنتىدىكى 58 ياشلىق دېھقان تۇرسۇن ھۈسەن كۇچا ناھىيەسىدىكى ئالتىنچى ئەۋلاد كۇلالچىلىق ئۇستىسى بولۇپ، ئۇ 40 نەچچە يىلدىن بۇيان ئاتا مىراس كۇلالچىلىق كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۇچا ناھىيەسىدە كۇلالچىلىق مەدەنىيىتى ساياھەتچىلىكىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى .
پېشقەدەم كۇلالچىلىق ئۇستىسى تۇرسۇن ھۈسەن نۆۋەتتە ساپال بۇيۇملارنىڭ تۈرلىرىنى 60 خىلدىن ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا نائىل بولۇپلا قالماي، مۇشۇ كەسىپتىنلا يىلىغا 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپ، خاسىيەتلىك ھۈنىرىنىڭ مېغىزىنى چاقماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر كۇچا ناھىيەسىدە كۇلالچىلىق كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپكارلاردىن بەشى بولۇپ، ئۇلار ناھىيەنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇپ كېلىۋېتىپتۇ.
سۈرەتتە: 19- سىنتەبېر، تۇرسۇن ھۈسەن (ئوڭدىكى كىشى) خېرىدارلىرىغا گۈل تەشتىكى ساتماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى