باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مۇھىت ئاسراش ئاپپاراتلىرىنىڭ كۈزىتىش، مەمۇرىي تەپتىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، تىك لىنىيەلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سىناق نۇقتا خىزمىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» نى تارقاتتى

2016.09.23 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مۇھىت ئاسراش ئاپپاراتلىرىنىڭ كۈزىتىش، مەمۇرىي تەپتىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، تىك لىنىيەلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سىناق نۇقتا خىزمىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ رايونلار، تارماقلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ھازىر يۈرگۈزىلىۋاتقان رايون ئاساس قىلىنغان يەرلىك مۇھىت ئاسراش باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مۇھىت ئاسراش ئاپپاراتلىرىنىڭ كۈزىتىش، مەمۇرىي تەپتىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، تىك لىنىيەلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سىناق نۇقتا خىزمىتى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

  ئومۇمىي تەلەپ

  يېتەكچى پىكىر. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-،4-،5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىتنى تۈزەش ئاساسىي تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، سىستېمىلار بىلەن رايونلار بىرلەشتۈرۈلگەن، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، كاپالىتى كۈچلۈك، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يەرلىك مۇھىت ئاسراشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىتنى كۈزىتىش، مەمۇرىي تەپتىش، قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ مۇستەققىللىقى، بىردەكلىكى، نوپۇزى ۋە ئۈنۈملۈكلىكىنى كۈچەيتىپ، رايون، ۋادە ھالقىغان مۇھىت مەسىلىسىنى بىر تۇتاش ھەل قىلىشنىڭ يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىپ، يەرلىك مۇھىت ئاسراش ئاپپاراتلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىللىققا پۈركەنگەن، سۈيى پاكىز گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك تۈزۈلمە كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر