- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تىرامپ بىلەن ھىلارىنىڭ تۇنجى مەيدان تېلېۋىزىيەلىك بەس-مۇنازىرىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ
2016.09.23 15:05 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
23-سېنتەبىر تېلېگراممىسى، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭ نامزاتلىرى تىرامپ بىلەن ھىلارىنىڭ 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدىكى تۇنجى مەيدان تېلېۋىزىيەلىك بەس-مۇنازىرىسى شۇ يەر ۋاقتى 26-سېنتەبىر ئېلىپ بېرىلىدىكەن، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرىچە، تىرامپ بىلەن ھىلارىنىڭ تېلېۋىزىيەلىك بەس-مۇنازىرىسى 100 مىليوندىن ئارتۇق ئامېرىكا ئاھالىسىنى كۆرۈشكە جەلپ قىلىپ، ئامېرىكا سايلىمى تارىخىدىكى يېڭى رېكورتنى يارىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ مەيدان بەس-مۇنازىرە ئىككى پارتىيە نامزاتلىرىنىڭ خەلق رايىنى تەكشۈرۈش سانى يېقىنلاشقان پەيتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، سايلام ئەھۋالى تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەيدان بەس-مۇنازىرە 26-سېنتەبىر نيۇيورك خوفسترا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 9:00 داباشلىنىپ، 90 مىنۇت ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
بۇ مۇنازىرە ئۈچ تۈرلۈك تېما ھەققىدە ئېلىپ بېرىلدىكەن، يەنى ئامېرىكا يۆنىلىشى، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر