باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

20 نەچچە ئۆلكە ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى ئۆلچىمىنى بېكىتتى

جايلار پىلاندىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولغانلارغا قانداق جەرىمانە قويىدۇ؟

2016.09.22 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى 18-سېنتەبىردىن باشلاپ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى ئېلىش-باشقۇرۇش چارىسى توغرىسىدا جەمئىيەتتىن بىر ئاي پىكىر ئېلىشنى يولغا قويدى. مۇخبىرنىڭ جايلارنىڭ سىياسەت ھۆججەتلىرىنى رەتلەش جەريانىدا بايقىشىچە، ھازىر، 20 نەچچە ئۆلكە «پىلاندىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولۇش» ئەھۋالىغا قارىتا ئېنىق بولغان ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى ئۆلچىمىنى بېكىتكەن. نۇرغۇن ئۆلكىلەرنىڭ ئۆلچىمى پىلاندىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولغان كىشىلەرنىڭ كىرىمى، كەسپى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۈچتىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولغان پىلان سىرتىدا پەرزەنتلىك بولۇش، قوش نىكاھلىنىپ پىلاندىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولۇش قاتارلىقلاردىن ھەق ئېلىشنى زورايتقان.

  بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى ئېلىش-باشقۇرۇش چارىسى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى(تەكشۈرۈشكە سۇنۇلغان لايىھەسى)غا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قانۇنچىلىق ئىشخانىسىنىڭ تور پونكىتىدىن ئاشكارا پىكىر ئېلىشنى باشلىدى.

  بۇ قېتىملىق ئۆزگەرتىشتە ئەسلىدىكى نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ 2-پەرزەنتلىك بولغان ئەر-خوتۇن ياكى نىكاھلانماي پەرزەنتلىك بولغانلاردىن ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى ئېلىشنى، بەلگىلىمىگە خىلاپ 3- ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولغان ئەر-خوتۇن ياكى نىكاھلانماي 3- ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولغان پۇقرالاردىن، پىلاندىن ئارتۇق تۇغقان ھەر بىر بالىغا شەھەرلىك ئىستاتىستىكا تارماقلىرى ئېلان قىلغان شەھەر-بازار ئاھالىلىرى ياكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن 10 ھەسسىسىگىچە ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى ئېلىشقا ئۆزگەرتتى.

  «پىلاندىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولغانلارغا جەرىمانە قويۇش» مەسىلىسىگە ھازىر پىكىر ئېلىۋاتقان بېيجىڭ شەھىرىدىن باشقا، خېبېي، ئىچكى موڭغۇل، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 ئۆلكىمۇ، يېڭىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامىدا ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى ئېلىش ئۆلچىمىنى ئېنىق بەلگىلىدى.

  ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى ئېلىش ئۆلچىمى بېكىتىشتە، نۇرغۇن جايلار «كۆپ پەرزەنتلىك بولغانلارغا، كۆپ جەرىمانە قويۇش» تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ئۈچتىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولغانلارغا جەرىمانە قويۇش سالمىقىنى زورايتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر