باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا خەلق پۇلى راسچوت بانكىسى تەسىس قىلدى

2016.09.22 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق بانكىسى 21- سېنتەبىر، خەلق بانكىسىنىڭ جۇڭگو بانكىسى نيۇيورك تارماق بانكىسىغا ئامېرىكىدىكى خەلق پۇلى كەسپىنى راسچوت قىلىش بانكىسى بولۇش ھوقۇقىنى بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ قېتىم خەلق پۇلى راسچوت قىلىش بانكىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكىدا ئىشلىتىلىشىنى ۋە چېگرا ئاتلاپ سودا قىلىشنى يەنىمۇ قولايلاشتۇرىدىغان بولۇپ، بۇ، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىدىكى مۇھىم ئابىدە بولۇپ قالدى.

  دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە سۈپىتىدىكى ئامېرىكا بولسا، خەلق پۇلىنىڭ سىرتقا يۈزلىنىشىدىكى مۇھىم بىر ھالقا. ئۆتكەن يىلى 9- ئايدا جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا خەلق پۇلى كەسپىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە بىر قاتار ئورتاق تونۇشلار ھاسىل قىلىنغان ئىدى. بۇ يىل 6- ئايدا، سەككىزىنچى قارارلىق جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتىدە، ئامېرىكىدىكى خەلق پۇلى سودىسى ۋە راسچوت ئىقتىدارى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغانلىقى، ئامېرىكىدىكى خەلق پۇلى كەسپى راسچوت بانكىسىنىڭ بېكىتىلىدىغانلىقى جاكارلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو بانكىسىنىڭ نيۇيورك تارماق بانكىسى ئامېرىكىدىكى بىردىن-بىر چوڭ تىپتىكى بانكا ئۆلچىمى بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان چەتئەل بانكىسىنىڭ تارماق بانكىسى بولۇپ، ئۇنىڭ خەلقئارا راسچوت مىقتارى جۇڭگو-ئامېرىكا سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن، ھەمدە ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ جۇڭگو مەبلىغىدىكى پۇل-مۇئامىلە ئورگىنى ئىكەن.

  ھازىرغا قەدەر، جۇڭگو بانكىسى شياڭگاڭ، ئاۋمىن، تەيۋەن، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئاۋسترالىيە، مالايسىيا، ۋېنگىرىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، زامبىيە، ئامېرىكا قاتارلىق 11 دۆلەت ۋە رايوندا خەلق پۇلى راسچوت كەسپىنى تەسىس قىلدى، شۇ ئارقىلىق، بەش چوڭ قىتئەنى راسچوت تورى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر