جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ئۇچۇش، كۈتۈش، ئايروپىلان رېمونت قىلىش قاتارلىق ھەر قايسى خىزمەت ئورۇنلىرىدا نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىلىرى ئىشلەيدۇ، ئۇلار ئاللىقاچان يولۇچىلارنىڭ نەزەرىدىكى بىر ئالاھىدە «مەنزىرە»گە ئايلانغان. 26-ئاۋغۇستتىكى CZ6305 نۆۋەتچى ئايروپىلاندا بىر-بىرىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان ئىككى ئايروخانقىز يەنە بىر قېتىم يولۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇلار جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر قوشكېزەك ئايروخانقىزلىرى ــ ئالىيە بىلەن ئادىلە بولۇپ، ئايروپىلاندا جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ يولۇچىغا شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشى، شىنجاڭنى ياخشى كۆرۈشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئارزۇسىدا بۇ نۆۋەت بىرلىكتە ئۇچقانىدى.
ئالىيە بىلەن ئادىلە ئايروپىلاندا ئۇيغۇرچە كىيىملەرنى كىيىپ، يولۇچىلار بۆلمىسىدە ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە ئالاقىدار باش تېمىلىق پائالىيەتنى باشلىدى. ئىككىيلەن «كۆرگەزمە قانچە نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى؟ باش تېمىسى نېمە؟ شىنجاڭدا قانچە مىللەت بار؟» دېگەندەك تالىشىپ جاۋاب بېرىش سوئاللىرىنى سورىدى، توغرا جاۋاب بەرگەن يولۇچىلارغا سوۋغات بەردى، يەنە جۇشقۇن مىللىيچە ئۇسسۇل ئويناپ يولۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.