باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى چوڭ بۇشنىڭ ھىلارىنى قوللىماقچى بولغىنى راستمۇ-يوق؟

2016.09.22 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 21-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە، سابىق زۇڭتۇڭ گېئورگې ھېربېرت ۋالكېر بۇش (چوڭ بۇش) 19-سېنتەبىر 8-نويابىردىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، ھىلارى كلىنتونغا بېلەت تاشلايمەن، دېدى. چوڭ بۇشنىڭ ئەتراپىدىكىلەر بۇشنىڭ بۇنداق پىكىرىنى كۆپ قېتىم ئىپادىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: چوڭ بۇش 40 نەچچە ئادەم قاتناشقان كىچىك دائىرىلىك بىر قېتمىلىق يىغىلىشتا، روبېرت كېننېدينىڭ قىزى كېننېدي توۋنسېندقا بۇ سۆزنى دېگەن. ئارقىدىنلا توۋنسېند چوڭ بۇش بىلەن بىللە چۈشكەن رەسىمىنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا يوللىدى ھەم: زۇڭتۇڭ ماڭا ھىلارىغا بېلەت تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى، دېدى. روبېرت كېننېدي ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى جون كېننېدينىڭ ئىنىسى بولۇپ، ئۇ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر