باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

4-نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئاقىللار ئامبىرى سۆزلىشىشى ئۆتكۈزۈلدى

2016.09.23 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتخانىسى بىلەن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتخانىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئاقىللار ئامبىرى سۆزلىشىشى تۈنۈگۈن كامبودژادا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو ۋە شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دۆلەتنىڭ 40دىن ئارتۇق ئالىمى ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۆتكەن 25 يىلدا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى ھەمدە مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرى لائوسنىڭ ۋېنتىياندا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو بىلەن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىگە يۇقىرى باھا بەردى. بۇ قېتىمقى يىغىن ئىككى كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان ئالىملار جۇڭگو بىلەن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ ھەمدە كەلگۈسىگە نەزەر سالىدۇ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى لەنساڭجياڭ-مېكۇن دەرياسى ھەمكارلىق مېخانىزمى ۋە ئىككىلەمچى رايونلار ھەمكارلىقى، رايون خاراكتېرلىك دېڭىز ئۈستى بىخەتەرلىكى خىرىسىغا بىرلىشىپ تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق قارالمىلار ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر