خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم «ئۈچ ئەل» خىزمىتى ئىشخانىسىدىن گۈلبوستان مەمەت خەۋىرى، فوتوسى) يېقىندا، ئاقسۇ شەھەرلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىدىن لەڭگەر كوچا باشقارمىسى چاۋياڭ مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر مەھەللە ئاھالىسى ساۋ گاڭچى يىغىپ ساقلىغان «قىزىل مەدەنىيەت» بۇيۇملىرى بىلەن تەشۋىقات ئېلىپ باردى.
ساۋ گاڭچى مۇشۇ مەھەللىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى بۇيۇملارنى ساقلاش ھەۋەسكارى بولۇپ، 2008-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت كىتاب، تەشۋىقات رەسىمى ۋە مەدەنىيەت بۇيۇملىرى بولۇپ 63 خىل، 1000دىن ئارتۇق بۇيۇمنى يىغىپ ساقلىغان.
سۈرەتتە: چاۋياڭ مەھەللىسى ئاممىسى «قىزىل مەدەنىيەت» تەشۋىقات كۆرگەزمىسىنى كۆرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى