باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋاڭ يى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشتى

2016.09.23 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇشۇ ئايلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى يېڭى زېلاندىيەنىڭ تەشەببۇسى ئاستىدا ئېچىلىدىغان خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز ۋاڭ يى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان ئالاقىدار قارارلىرىنى بولۇپمۇ 2254-نومۇرلۇق قارارىنى ھەقىقىي ئەمەلىي ئىجرا قىلىپ، ئۇرۇش توختىتىش، سىياسىي سۆھبەتلىشىش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش ۋە بىرلىشىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت يول بويىچە ئېلىپ بېرىپ، بۇ يىلنى سۇرىيە ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى قىلىش كېرەك. جۇڭگو ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەقىقىي دوستى، بىزنىڭ ھېچقانداق شەخسىي مەنپەئەت ئېلىش غەرىزىمىز يوق، ئوتتۇرا شەرق خەلقىنىڭ مەنپەئەتى بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان جۇڭگو ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر