خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22- سېنتەبىر، ساياھەتچىلەر بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا قۇراشتۇرۇلۇۋاتقان «ۋەتەنگە بەخت تىلەيمىز» ناملىق مەركىزىي گۈللۈك ئالدىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.
دۆلەت بايرىمى كېلىش ئالدىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك باغۋەنچىلىك تارماقلىرى چاڭئەن كوچىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە چوڭ تىپتىكى گۈللۈكلەرنى ئورنىتىپ بايرام كەيپىياتى بەرپا قىلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تيەنئەنمېن مەيدانى ۋە چاڭئەن كوچىسى بويىدىكى مۇھىم نۇقتىلاردا گۈللۈكلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن باشقا، پۈتۈن شەھەرنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا يەنە 200 نەچچە جايدا گۈل-گىياھ مەنزىرىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، 15 مىليون تەشتەكتىن كۆپرەك گۈل تىزىلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى