- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئىسلام پارتىيەسى تىنچلىق كېلىشىمى لايىھەسى ئىمزالىدى
2016.09.23 14:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىر يىلدىن كۆپرەك جاپالىق سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئافغانىستان ئالىي تىنچلىق كومىتېتى بىلەن بۇ دۆلەتتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئۈچىنچى چوڭ قوراللىق كۈچ ئىسلام پارتىيەسى تۈنۈگۈن پايتەخت كابۇلدا تىنچلىق كېلىشىمى لايىھەسى ئىمزالاپ، ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم بىر قەدەم تاشلىدى. بۇ- 2001-يىلى تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇۋېتىلگەندىن بۇيان، ئافغانىستان يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن شۇ جايدىكى قوراللىق تەشكىلات ھاسىل قىلغان تۇنجى تىنچلىق كېلىشىمى لايىھەسى بولۇپ، زۇڭتۇڭ غەنى ھەمدە ئىسلام پارتىيەسى رەھبىرى ھېكمەتيار ئەڭ ئاخىردا ئىمزا قويغاندىن كېيىن ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر