22- سېنتەبىر، تۆت كېزەك ئاچا-سىڭىللار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى .
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى بوۋاقلار بۆلۈمىدە، بەدەن ئېغىرلىقى ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك بولۇش سەۋەبىدىن بالدۇر تۇغۇلغان تۆت كېزەك ئاچا-سىڭىللارنىڭ ھەممىسى دوختۇرخانىدىن چىقتى.7-ئاينىڭ 7-كۈنى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى جياڭشى ئۆلكىسىدىن كەلگەن ۋۇ خانىمنىڭ قورسىقىنى يېرىپ، تۆت گېزەكنى ئوڭۇشلۇق تۇغدۇردى. ئالتە ھەپتە بۇرۇن تۇغۇلغان بۇ بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1000 گىرام ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ يېنىكى ئاران 780 گىرام كېلىدۇ. ئادەتتىن تاشقىرى يىنىك تۇغۇلغان بۇ تۆت گېزەك بوۋاق دەرھال فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى بوۋاقلار بۆلۈمى ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىگە يۆتكەلدى. بىر قاتار جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش، ھاياتلىقنى ئاسراش تەدبىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق، كىچىك ئاچا-سىڭىللارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى مۇقىملىشىپ، دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى