باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار، ئورۇنلار ئاپتونوم رايوننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قايتا سەپەرۋەر قىلىش يىغىنىنىڭ روھىنى تېز يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى

ئاپتونوم رايوننىڭ قايتا سەپەرۋەر قىلىش يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ۋە بوشاشماي ياخشى ئىزچىللاشتۇرىمىز، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز

2016.09.23 15:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 17 - سېنتەبىر باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا قايتا سەپەرۋەر قىلىش يىغىنى ئاچتى. يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار ۋە ئورۇنلار تېزدىن يىغىن ئېچىپ، بۇ يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ قايتا سەپەرۋەر قىلىش يىغىنىدا بېكىتىلگەن ئومۇمىي تەلەپ، ئاچقۇچلۇق تەدبىر ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى قەتئىي ۋە كەسكىن ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە ئۈزلۈكسىز ياخشى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىناق - ئىتتىپاق، گۈللەنگەن - باي، مەدەنىي - تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز.

  ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرىمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى 17 - سېنتەبىر ج خ نازارىتى پارتكومىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ قايتا سەپەرۋەر قىلىش يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. ج خ نازارىتى 19 - سېنتەبىر پارتكوم مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، قايتا سەپەرۋەر قىلىش يىغىنىنىڭ روھىنى يەنە بىر قېتىم ئۆگەندى، يەتكۈزدى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. ج خ نازارىتى پارتكومى 21 - سېنتەبىر نازارەت بويىچە پارتىيەلىك كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، قايتا سەپەرۋەر قىلىش يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. نازارەت پارتكومى ئاپتونوم رايوننىڭ قايتا سەپەرۋەر قىلىش يىغىنىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا ئاساسەن، ۋەزىپىلەرنى تەقسىملەپ، 22 تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىسىنى رەتلەپ چىقىپ جايلار، تارماقلارنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىر - بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ، كونكرېت ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى ۋە خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشنى؛ ساقلاپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزلەشتۈرۈپ، ئالدىن قول سېلىپ، ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل راۋانلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى، شىنجاڭ مەمۇرىي ئىنستىتۇتى مەكتەپ (ئىنستىتۇت) پارتكومى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، مەكتەپ (ئىنستىتۇت)تىكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن باش نىشاننىڭ يېتەكچىلىكىدە، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، مەكتەپنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە ئۆگىنىشكە يېتەكلەشتە ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەكتىپى، مەمۇرىي ئىنستىتۇتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى تەربىيەلەيدىغان ۋە نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەيدىغان ئاساسلىق ئورۇن، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىدىكى مۇھىم ئاپپارات ۋە پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگە مەسلىھەت بېرىدىغان ئىدىيە ئامبىرى بولۇشتەك ئاكتىپ رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 18 - سېنتەبىر ئورگان كادىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ قايتا سەپەرۋەر قىلىش يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. يىغىندا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تاراتقۇلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلار مەكتىپىدىن يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭ خىزمىتىدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ۋە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىدىغان تەشۋىقات مەخسۇس ئىستونى ۋە تەربىيەلەش دەرسلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيەگە قەتئىي ئەگىشىپ مېڭىشنى تەلەپ قىلدى.

  قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مەسئۇلىيەت ۋە ۋەزىپىنى تولۇق ئادا قىلىمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسى 18 - سېنتەبىر يىغىن ئېچىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت» تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت رەھبەرلىرى باشلامچى بولۇشى، ئورگان كادىرلىرى 24 سائەت مۇقىملىقنى قوغداش بويىچە دىجورنىلىق قىلىش تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ نازارەت ئورگىنىنىڭ ئامانلىقنى ساقلاش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتىنىڭ كۆزنەك تور بېكىتىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى؛ مەھەللىگە پائال ماسلىشىپ كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ئورۇن، نۇقتىلىق ھالقىلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز ئورنىنى ياخشى ساقلاپ، ئادەملىرىنى ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ نازارىتى 18 - سېنتەبىر كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مائارىپ خىزمىتى ۋە خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە ئەمەلىي ۋە كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپ سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشقا رايونلارنىڭ 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشىمىز؛ «قوش تىل» مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «قوش تىل» مائارىپى بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار «قوش تىل» مائارىپىنى كۈچەيتىپ، «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ كەسپىي مائارىپنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوتتۇرا كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى 18 - ۋە 21 - سېنتەبىر نازارەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى، نازارەت سىستېمىسى كادىرلار يىغىنى ۋە پارتگۇرۇپپا مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىپ، يىغىننىڭ روھىنى مەركەزلىك يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. يىغىندا مۇھىت ئاسراش سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغاپ، كۆزنەك تور بېكىتى، ئۈندىدار قاتارلىق ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ، يىغىننىڭ روھىنى تېز ئىزچىللاشتۇرۇش؛ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېشىل تەرەققىيات لىنىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قىزىل سىزىقى ۋە مۇھىت بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت - تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى 17 - سېنتەبىر يىغىن ئېچىپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۈپەت - تېخنىكا نازارەتچىلىكى سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، سۈپەت - تېخنىكا نازارەتچىلىكى سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىشى؛ سۈپەت - تېخنىكا نازارەتچىلىكى خىزمىتىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ پىلانلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىشى؛ خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ ۋە ياخشىلاپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ 1 - نەق مەيدانىغا بېرىپ مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى بايقاپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك.

  ئىدىيەنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلەيمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى 20 - سېنتەبىر پارتگۇرۇپپا يىغىنى ۋە ئورگان كادىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، يىغىننىڭ روھىنى ئۆگەندى، يەتكۈزدى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى يۇقىرى تۆۋەنگە ئۈلگە بولۇش، بالدۇر ئۆگىنىپ، بالدۇر ئىشلەپ، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسىنى مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتىپ چىقىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئورگاندىكى تارماقلار، ئورۇنلارنى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، يىغىن روھىنىڭ ماھىيىتىنى ھەقىقىي ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم ئەھمىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىدىيەسىنى يىغىننىڭ روھى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئۇنى ئەمەلىيەتكە يېتەكچى قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ئورگان ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى بارلىق كادىرلارنى تەشكىللەپ يىغىننىڭ روھىنى مەركەزلىك يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ كونكرېت خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىزمەتلەرگە ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى چۆرىدىگەن ھالدا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ياش تور خىزمەتچىلىرى ۋە تور ئەھلىنى ئاكتىپ كۈچ تارقىتىشقا يېتەكلەشنى تەلەپ قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسىگە چۈشكەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ۋاقىتلىق پارتىيە باش ياچېيكىسى 18 - سېنتەبىر ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ قايتا سەپەرۋەر قىلىش يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، تەپەككۇر يوللىرىنى كېڭەيتىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى كەنتكە چۈشۈش خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاشنى تەلەپ قىلدى ھەم كېيىنكى قەدەملىك خىزمەتلەرگە ئالاقىدار پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىن قاتناشچىلىرى مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، كەنتكە چۈشۈش خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملەيمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر