باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئالىملىرى سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن ئەڭ ئاددىي ھۈجەيرىنى ياساپ چىقتى

2016.03.28 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئالىملىرى 24-مارت سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن ئەڭ ئاددىي ھۈجەيرىنى لايىھەلەپ ياساپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى، ئۇنىڭ گېن گۇرۇپپىسى بۈگۈنگىچە مەلۇم بولغان ئەڭ كىچىك گېن گۇرۇپپىسى بولۇپ، پەقەت ئۆزىنىڭ ھاياتلىقىنى ساقلاپ قېلىشتا زۆرۈر بولغان گېنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ ھاياتلىق ئىلمى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولۇپ، ھاياتلىقنىڭ سىرىنى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردىمى بار، دەپ قارالدى.

  ئامېرىكا گېن گۇرۇپپىسى تەتقىقاتىنىڭ باشلامچىسى بولغان كىرېگېر ۋېنتىر باشچىلىقىدىكى بۇ تەتقىقات ئامېرىكا «ئىلىم-پەن» ژورنىلىنىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا ئېلان قىلىندى، ئۇلارنىڭ سۈنئىي بىرىكتۈرگەن ھۈجەيرىسىدە پەقەت 473 تال گېن بار بولۇپ، ھاياتلىق دۇنياسىدىكى گېن سانى ئەڭ ئاز ئورگانىك گەۋدە ئىكەن، بىراق ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆزى كۆپەيتىش ئىقتىدارى بار ئىكەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئىنسانلارنىڭ گېن سانى 20 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

  بۇ بىرىكمە ھۈجەيرىنىڭ گېن گۇرۇپپىسى ناھايىتى ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن تەتقىقاتچىلار بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىم گېننىڭ رولىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى، يەنە 149 گېننىڭ رولىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە؛ خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر