باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ ھەقىلىق مۇلازىمەت پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقاتتى

2016.03.28 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى يېقىندا «ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك توختۇتۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقاتتى، ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختۇتۇش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى.

  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق كۆرسىتىلدى:مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ئارمىيە ۋە قوراللىق ساچى قىسىملارنىڭ بارلىق ھەقلىق مۇلازىمىتىنى ئۈچ يىلدا قەدەم باسقۇچلارغا بۆلۈپ توختىتىشنى پىلانلىدى. دۆلەت تاپشۇرغان ئىجتىمائىي كاپالەت ۋەزىپىسى ئارمىيە-خەلق بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلدى. «ئۇقتۇرۇش» تارقىتىلغان كۈندىن باشلاپ، بارلىق ئورۇنلارنىڭ يېڭى تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، يېڭى توختام ئىمزالاپ، سىرتقا ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىشى مەنئىي قىلىنىدۇ، ئومۇمەن مۇددىتى توشقان سىرتقا ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىش توختامىنى داۋاملىق تۈزۈش مەنئىي قىلىنىدۇ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ كېڭىشىپ بىكار قىلىشقا بولىدىغان توختام تۈرىنى دەرھال توختىتىش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش» تا يەنە ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە يانداش دبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىسلاھات كىرىم-چىقىملىرىنى باشقۇرۇش چارىسى، ئىش ئورنىغا ئالاقىدار ياردەم پۇلى تۈزۈمىنى تەتقىق قىلىپ ئورنىتىش، تۈرلۈك قالدۇق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر