باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئاۋىياتسىيەسى يازلىق - كۈزلۈك نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلانىنى يولغا قويدى

دۆلەت ئىچىگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر ھەپتىدە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 7 كۆپەيگەن

2016.03.28 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ28 -مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-مارتتىن 29- ئۆكتەبىرگىچە، مەملىكەتلىك خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يازلىق - كۈزلۈك نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلانى يولغا قويۇلىدۇ، مۇخبىرنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى ئاۋىياتسىيە پەسلىدە يېڭىدىن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىش ۋە كۆپەيتىش بىلەن بىللە، يەنە ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى نازارەت قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىكەن.

  بۇ يىلقى يازلىق-كۈزلۈك ئاۋىياتسىيە نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلانىغا ئاساسەن، دۆلەت ئىچىگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ئىچكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ھەر ھەپتىدە 59 مىڭ 111 دۆلەت ئىچىگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 7 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، 57 مىڭ 588 ى يولۇچى نۆۋەتچى ئايروپىلانى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6.9% ئاشقان؛ يۈك توشۇش نۆۋەتچى ئايروپىلانى 1523 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 10.5 ئاشقان .شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار توغرىسىدا، ئىچكىرىدىكى 48 ئاۋىياتسىيە نۇقتىسى بىلەن شياڭگاڭ ئارىسىدا ھەر ھەپتىدە 2150 يولۇچى ۋە يۈك توشۇش نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ ئىچكىرىدىكى 22 ئاۋىياتسىيە نۇقتىسى بىلەن ئاۋمېن ئارىسىدا ھەر ھەپتىدە 484 يولۇچى ئايروپىلانى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ 55 ئاۋىياتسىيە نۇقتىسى بىلەن تەيۋەن، تاۋيۈەن قاتارلىق يەتتە ئاۋىياتسىيە نۇقتىسى ئارىسىدا ھەر ھەپتىدە 1740 يولۇچى ۋە يۈك توشۇش نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

  خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىگە دۆلەت ئىچىگە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ھەر ھەپتىدە 56 دۆلەت ۋە 143 شەھەرگە ئۇچىدىغان 9276 خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر