باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت كۆرگەزمىسى باشلاندى

2016.03.28 15:46   مەنبە: خەلق تورى

تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت كۆرگەزمىسى باشلاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25 - مارت چۈشتىن بۇرۇن، تۇرپان خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل» تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت كۆرگەزمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «باھار يەرمەنكىسى» دېيىلىدۇ) باشلاندى.

  باھار يەرمەنكىسى يىغىن مەيدانىغا 340 كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، بىڭتۈەندىن كەلگەن 15 ئۆمەك، چۇڭچىڭ شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىلىك ساياھەت ئىدارىسى، خېبېي چېڭدې شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى قاتارلىق باشقا ئۆلكىدىن كەلگەن توققۇز ساياھەت ئىدارىسى ۋە كارخانا يەرمەنكىگە قاتناشتى. تۇرپان شەھەرلىك يەرلىك ساياھەت كارخانىلىرى، مەدەنىيەت كارخانىسى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق 79 كارخانا ئورۇنلار كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

  بۇ نۆۋەتلىك باھار يەرمەنكىسىدە، تۇرپان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن شەنشەن پاي كونترول گۇرۇھى ساياھەتكە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى؛ تۇرپان شەھەرلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى؛ تۇرپان شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى بىلەن بىڭتۈەن 8 - شىسى، شىخەنزە شەھىرى، ئىلى ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى ئوبلاستى قاتارلىق رايونلار ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئىستىراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، « يىپەك يولى ساياھەت يىلى »، تۇرپاندا ۋىلايەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ شەھەر تەسىس قىلىنىشى، ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپاننىڭ ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ساياھەت سودا سۇپىسىنى قۇرۇش ئارقىلىق، « شىنجاڭدىكى 1 - باھار. تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى پەسلى» ۋە « گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل » ساياھەتچىلىكىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى گۈل پەسلى ساياھەتچىلىكىنى ئېچىپ، ساياھەت يېڭى لىنىيەسىنى بازارغا سېلىپ، ساياھەت مۇلازىمىتىدە يېڭى ھالەتنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلمىغان ئوقۇغۇچىلارنى ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا بىردەك قوبۇل قىلماسلىقنى …
      ·«ھەمكارلىق پىلانى»دىكى 14 سەنئەت تۈرىدىكى مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·گۇاڭشىدا 2019-يىلدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن دەپ ئايرىلمايدۇ
      ·شىنجاڭلىق ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى …
      ·2016-يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلاندى 
      ·مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزا: مەكتەپتە يۈز بېرىدىغان زوراۋانلىقنىڭ قانۇن چېگراسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2016 - يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا تەكرار ئىمتىھان بېرىش نومۇر …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمى ۋە ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئىگ…
      ·شىنجاڭدىكى ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىشنى باشلايدۇ
      ·ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 128  ئوقۇغۇچى پەيزاۋاتقا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلى…