خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاكىستان پەنجاپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى 27-كۈنى كەچتە مۇنداق دېدى: بۇ ئۆلكىنىڭ مەركىزى لاھوردا شۇ كۈنى يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىدا ئۆلگۈچىلەر 63 كە يەتتى، 306 ئادەم يارىلاندى. جۇڭگونىڭ لاھوردا تۇرۇشلۇق كۇنسۇلخانىنىڭ باش ئەمەلدارى، ھازىرچە بۇ قېتىملىق ھۇجۇمدا تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئارىسىدا جۇڭگولۇقلارنىڭ بارلىقى توغرىەسىدا ئۇچۇر يوق، دېدى.
27-ئاپرېل كەچ، پاكىستاننىڭ شەرقى قىسمىدىكى پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى لاھوردىكى بىر باغچىدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كىشى تالاپەتكە ئۇچرىدى. پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، لاھۇر شەھىرىدىكى بارلىق ئىستىراھەت باغچىسى تاقىلىپ، شۇ جايدىكى ئاممىغا ئۆيىدىن سىرتقا چىقماسلىق ئۇقتۇرۇش قىلىندى. پاكىستان ھەربىي تەرەپ پارتلاش نەق مەيدانىغا خادىملارنى ئەۋەتىپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلدى.
پاكىستان تالىبانلىرى بىر تارماق ئاپپاراتىنىڭ باياناتچىسى شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتلىرىدا، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ باياناتچى يەنە بۇ ھۇجۇمنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ يىل قوزغىغان ھۇجۇمىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى