باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇنغا خىلاپ ۋاكسىنا سېتىۋېلىش-سېتىش دېلوسىنى ۋىۋىسكا ئېسىپ نازارەت قىلدى

2016.03.25 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 22-مارت قىممىتى 570 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان قانۇنسىز ۋاكسىنا تىجارىتى قىلىشقا ئالاقىدار دېلونى ۋىۋىسكا ئېسىپ تەكشۈرۈش دېلوسى قىلدى ھەم مەخسۇس ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش تارماقلىرىدىن بۇنداق دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  يېقىندا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى پاش قىلغان، قىممىتى 570 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان قانۇنسىز ۋاكسىنا تىجارىتى دېلوسى تاراتقۇلاردا كەڭ خەۋەر قىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى، بۇ دېلولار 20 نەچچە ئۆلكە، شەھەر ھەم نۇرغۇن كىشىلەرگە چېتىلىدۇ، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنسىز ۋاكسىنا سانى ناھايىتى كۆپ.ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دېلوغا مۇناسىۋەتلىك رايونلاردىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىش تارماقلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يەرلىكتىكى يېمەكلىك- دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش ۋە يېقىندىن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، قانۇنسىز ۋاكسىنا كىرگۈزۈش، دېلو سادىر قىلىش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يىپ ئۇچى مەلۇم قىلىش، دېلو يۆتكەش، ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىلىنىش قاتارلىق مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرى ئەھۋالنى تېزدىن ئېنىقلاپ، ۋاقتىدا خۇلاسىلاپ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش نازارىتىگە دوكلات قىلىشى لازىم.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دېلوغا چېتىشلىق جايلاردىكى تەپتىش ئورگىنى تەھقىقلەشنى نازارەت قىلىش تارماقلىرى تەپتىشلىك فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەھۋالنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنى يېتەكلەپ، جىنايەت بېكىتىشنىڭ مۇھىم ھالقىسىنى چۆرىدەپ قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئوبيېكتىپلىق بىلەن مۇھىم دەلىل–ئىسپاتلارنى توپلاپ، قولغا ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلارنى ۋاقتىدا قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش ھەم قولغا ئېلىش بىلەن دەۋا قىلىشنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر